خوستوندىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ خادىملىرى دۆلىتىگە قايتتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن خوستوندىكى تاقالغان خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ خادىملىرى دۆلىتىگە قايتتى.

1474939
خوستوندىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ خادىملىرى دۆلىتىگە قايتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۈشەنبە كېچىسى پايتەخت بېيجىڭغا يېتىپ بارغان خىتاي دىپلوماتلار، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەت تەرىپىدىن ئايرودۇرۇمدا قارشى ئېلىندى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ھۆكۈمىتى 22 – ئىيۇل كۈنى، تېكساس ئىشتاتىنىڭ خوستون شەھىرىدىكى كونسۇلخانا بىناسىنىڭ سىرتىدا تۈنىكە قاچىلارنىڭ ئىچىدە ھۆججەتلەرگە ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈۋېتىلگەنلىكى مەلۇم قىلىنغاندىن كېيىن، خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ 72 سائەت ئىچىدە تاقىلىشى توغرۇلۇق يوليورۇق چۈشۈرگەنىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ بۇنىڭغا جاۋابەن، 24 – ئىيۇل كۈنى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سىچۈننىڭ چېڭدۇ شەھىرىگە جايلاشقان  كونسۇلخانىسىنى 72 سائەت ئىچىدە تاقاش توغرۇلۇق يوليورۇق چۈشۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر