دۇنيادا يۇقۇملانغانلار 22 مىليوندىن ئاشتى

دۇنيا مىقياسىدا ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 777 مىڭ 751 دىن، يۇقۇملانغانلار سانى 22 مىليون 69 مىڭ 384 تىن ۋە سالامەتلىكى ياخشىلانغانلارنىڭ سانى 14 مىليون 807 مىڭ 589 دىن ئاشتى.

1474905
دۇنيادا يۇقۇملانغانلار 22 مىليوندىن ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋابانىڭ ئەڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغان ئامېرىكادا يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 635 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى ۋە جەمئىي سان 173 مىڭ 778 گە چىقتى. ئوخشاش ۋاقىتتا، 43 مىڭ 837 كىشى يۇقۇملاندى. بۇنىڭ بىلەن، يۇقۇملانغانلار جەمئىي سانى 5 مىليون 613 مىڭ 357 گە چىقتى.

لاتىن ئامېرىكا قىتئەسىدە ۋابانىڭ مەركىزىگە ئايلانغان بىرازىلىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 684 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ جەمئىي سانى 108 مىڭ 654 كە چىقتى. جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى بولسا، 3 مىليون 363 مىڭ 235 كە چىقتى.

مېكسىكادا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 57 مىڭ 23 كە، يۇقۇملانغانلار سانى 525 مىڭ 733 كە چىقتى.

ئىسپانىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى يېقىنقى يەتتە كۈندە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 54 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، جەمئىي ساننىڭ 28 مىڭ 646 گە چىققانلىقىنى ئېلان قىلدى.

بىلدۈرۈلىشىچە، ئىسپانىيە مىقياسىدا جۈمە (2020-يىلى 14-ئاۋغۇست) بۇيان ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك 16 مىڭدىن ئارتۇق ۋەقە كۆپەيگەن.

گېرمانىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن قېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 9 مىڭ 300 گە چىقتى. يېقىنقى 24 سائەتتە 390 كىشى يۇقۇملاندى. شۇنىڭ بىلەن، جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى 227 مىڭ 217 گە چىقتى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 30 مىڭ 429 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان فىرانسىيەدە، يۇقۇملىنىشنىڭ كۆپىيىشى سەۋەبىدىن 2020-يىلى 1-سېنتەبىردىن باشلاپ ىىزمەت ئورۇنلىرىدا مەجبۇرىي ماسكا تاقاش بەلگىلىمىسىنىڭ يولغا قويۇلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئاۋستىرالىيەنىڭ ۋىكتورىيا (Victoria) ئىشتاتىدا يەنە 17 كىشى ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل ئاۋستىرالىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 438 گە چىقتى.

بەزى دۆلەتلەردىكى ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ئكلۈم سانلىرى تۆۋەندىكىچە:

ئىتالىيە 35 مىڭ 400، فىرانسىيە 30 مىڭ 429، پېرۇ 26 مىڭ 481، كولومبىيە 15 مىڭ 327، چىلى 10 مىڭ 513، بېلگىيە 9 مىڭ 944، گېرمانىيە 9 مىڭ 296، كانادا 9 مىڭ 32، ئېكۋادور 6 مىڭ 83، شىۋېتسىيە 5 مىڭ 814.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر