پومپېيو: شەرقىي ئاقدېڭىزدا سۈركىلىش پەسەيتىلىشى كېرەك

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو شەرقىي ئاقدېڭىزدا سۈركىلىشنى پەسەيتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.

1473368
پومپېيو: شەرقىي ئاقدېڭىزدا سۈركىلىش پەسەيتىلىشى كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مورگان ئورتاگۇس، پومپېيو بىلەن گىرېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نىكوس دېندىئاسنىڭ، ئاۋسترىيەنىڭ پايتەختى ۋىيانادا ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئۇچرىشىشى ھەققىدە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا مۇنداق دېدى: «ئىككى مىنىستىر، كۈچلۈك ئامېرىكا – گىرېتسىيە مۇناسىۋەتلىرى ۋە شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى سۈركىلىشنى پەسەيتىشنىڭ زۆرۈرلۈكى قاتارلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.»

گىرېتسىيە ھۆكۈمىتى تۈركىيەنىڭ ئەگە ۋە شەرقىي ئاقدېڭىز مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىش، ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەققانىيەت ئاساسىدا ھەل قىلىش چارىسى تېپىش يولىدا ئىزدىنىش تەكلىپلىرىنى قوبۇل قىلمايۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېقىنقى يىللاردا دېڭىز ھوقۇق دائىرىلىرى مەسىلىسىدە جەنۇبىي قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتى ۋە بەزى رايون دۆلەتلىرى بىلەن ئۆز ئالدىغا قەدەملەرنى تاشلاشنى داۋاملاشتۇرماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر