پېنتاگون فىرانسىيە بىلەن گىرېتسىيەنىڭ ئاقدېڭىزدىكى ھەرىكەتلىرىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇداپىئە مىنىستىرلىقى – پېنتاگون باياناتچىسى جوناتان ھوفمان، گىرېتسىيە بىلەن فىرانسىيە دېڭىز ئارمىيەلىرىنىڭ ئاقدېڭىز (ئوتتۇرا دېڭىز) نىڭ شەرقىدە بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

1472900
پېنتاگون فىرانسىيە بىلەن گىرېتسىيەنىڭ ئاقدېڭىزدىكى ھەرىكەتلىرىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پېنتاگون باياناتچىسى جوناتان ھوفمان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى سۆز قىلىپ، «شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى ئۆزگىرىشلەردىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىمىز ئېنىق» دېدى.

فىرانسىيە بىلەن تۈركىيەنىڭ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو ئىچىدىكى ئىنتايىن مۇھىم ئىككى ئىتتىپاقدىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ھوفمان، «سوغۇقچىلىقنىڭ پەسكۇيغا چۈشۈشىنى، ئۇلارنىڭ ھەمكارلىقنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئۇرۇش پاراخوتلىرى ياكى ئايروپىلانلىرىنى ئىشتىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان چارىلەرنى تېپىپ چىقىشىنى خالايمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر