بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ئالدىنقى سەپلەرگە زاپاس قىسىم يۆتكىگەن

يېقىنقى ئۈچ ئايدا سۈرىيەدىكى بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى چەت ئەل تېررورىستلىرىدىن تەشكىللەنگەن قوراللىق كۈچلەرنىڭ ئالدىنقى سەپلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1470944
بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ئالدىنقى سەپلەرگە زاپاس قىسىم يۆتكىگەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەدىكى بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى چەت ئەل تېررورىستلىرىدىن تەشكىللەنگەن قوراللىق كۈچلەر يېقىنقى ئۈچ ئايدا، ئىدلىب جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش رايونىنىڭ ئەتراپىدىكى ئالدىنقى سەپ لىنيەلىرىگە 2 مىڭ كىشىدىن ئارتۇق زاپاس قىسىم يۆتكىدى.

ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ سۈرىيەدىكى ھەربىي ئۆكتىچىلەردىن ئالغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئىدلىب جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش رايونى ئەتراپىغا يەتكۈزۈلگەن 2 مىڭدىن ئارتۇق بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى كۈچلىرى ئىستراتېگىيەلىك نۇقتىلارغا ئورۇنلاشقان.

بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ زاپاس كۈچلىرى يېقىنقى ئۈچ ئايدىن بۇيان ئىدلىب ئالدىنقى سەپ لىنيەسىدىكى سەراكىب، تېل مەردىھ، مائار دىبسە، خان ئەسسۈبۈل، كەفەر باتتىھ، دادىھ، بابىلە، جىرادە، دانا، مائار شۇرىن، مائاراتتۇننۇمان، كەفەر رۇما، خاس، ھىزارىن، كەفرەنبىل، ھەلەبنىڭ غەربىدىكى 46-بىرىگادا نۇقتىلىرى، كەفەر ھەلەب، ھاما ئەتراپىدىكى گاب ئويمانلىقىنىڭ شاھىسبو تېغى ئەتراپلىرى، جۇبەل گار رايونى، لازقىيە ئەتراپىدىكى تېلئەل جەراب رايونىغا ئورۇنلاشقان.

رۇسىيە ئارمىيەسىدىن چېكنگەن «يولۋاس كۈچلىرى» دەپ نام بېرىلگەن 5-لېجيون بىلەن لىۋان ھەربىي قىسىملىرىدىن تەشكىللەنگەن «ئەل كۇمەيت قوراللىق كۈچلىرى» گە تەۋە ھىزبۇللاھ قىسىملىرىمۇ يۇقۇرىدىكى رايونلارغا ئورۇنلاشقان.

بەششار ئەسەد كۈچلىرى يۆتكىگەن قوراللارنىڭ ئىچىدە، نۇرغۇن تانكا، زەمبىرەك، مېنامىيوت، ئايروپىلان ئاتار قاتارلىق ئېغىر تىپلىق قوراللارنىڭ بارلىقى بىلدۈرۈلدى.

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن 2020-يىلى 5-مارت موسكۋادا يېڭى كېلىشىم ھاسىل قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر