بۇلغارىيەدىكى ئوت ئاپىتىنىڭ تۈركىيەگىچە كېڭەيمەسلىكى ئۈچۈن جىددى خىزمەت قىلىنماقتا

بۇلغارىيەنىڭ تۈركىيە چېگراسىغا يېقىن رايونىدىكى ئوت ئاپىتى 100 مىڭ گېكتارغا كېڭەيدى ۋە قىسمەن كونتىروللۇق ئاستىغا ئېلىندى.

1470199
بۇلغارىيەدىكى ئوت ئاپىتىنىڭ تۈركىيەگىچە كېڭەيمەسلىكى ئۈچۈن جىددى خىزمەت قىلىنماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باش دىرېكتورى كومىسسار نىكوئاي نىكولوۋ ستېنا كەنتىدىكى تەكشۈرۈشلەردىن كېيىن، ھامزابەلىنىڭ ئۇدۇلىدىكى ماتوچىنا ۋە ۋارنىك يېزىلىرىدىكى ئوتلاقتا 4 كۈن داۋاملاشقان ئوت ئاپىتىنىڭ قىسمەن كونتىروللۇق ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ئەمدى ئەھۋال بەك خەۋپلىك ئەمەس، لېكىن يەنىلا خەتەرلىك» دېدى.

نىكولوۋ 100 مىڭ گېكتارغا كېڭەيگەن ئوت ئاپىتىنىڭ تۈركىيە تەرەپكىمۇ تارقىلىش خەۋپىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئەگەر چۈشكىچە ئوت ئاپىتىنى كونتىروللۇق ئاستىغا ئالالمىسا، تۈركىيە ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىنىڭ چېگرانىڭ ئۇ تەرىپىدىن ئاپەتكە مۇداخىلە قىلىشىنى تۈركىيەدىن تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

نىكولوۋ تۈركىيە دائىرىلىرى بىلەن ئالاقە ئىچىدە ئىكەنلىكىنى، تۈركىيەنىڭ مۇرەككەپ يەر شارائىتىدا پائالىيەت قىلاللايدىغان ئاپتوموبىل ۋە ئوت ئۆچۈرۈش ئۈسكىنىلىرى ياردەم قىلىش تەكلىپىدە بولغانلىقىنى، بىراق بۇلغارىيە تەرەپنىڭ يەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش قابىلىيىتىگە تايىنىپ خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

نىكولوۋ بۇلغارىيە چېگراسىدا قانۇنسىز كۆچمەنلەرگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن قۇرغان سىم توساق مېخانىزىمىنىڭ ئوت ئاپىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، چېگرا ساقچىلىرىنىڭمۇ زۆرۈر بولغان تەدبىرلەرنى يولغا قويغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە: «بىز بۈگۈن خەلقكە ۋەزىيەتنىڭ كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلالىشىمىزنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.

نىكولوۋ مېتېئورولوگىيە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بۈگۈنمۇ رايوندا ھاۋا ئىسسىق ۋە شاماللىق بولىدىغانلىقىنى دوكلات قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، لېسوۋودىكى ئوت ئاپىتىنىڭ بەلكىم يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرلىرىنىڭ تاماكا قالدۇقىنى تاشلىغانلىقىدىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.

بۇ جەرياندا، ئاپەت دائىرىسىدىكى خاسكۆي، ھارمانلى، توپولوۋگىراد، دىمىتروۋگىراد ۋە سىېىلېنگىراد شەھەرلىرى جايلاشقان رايوندىمۇ ئاپەت سېگنالى ئېلان قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر