بېيرۇتتىكى پارتلاشتا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 158 گە ئۆرلىدى
لىۋاننىڭ پايتەختى بېيرۇتتا يۈز بەرگەن پارتلاشتا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 158 گە يەتتى.
1469544
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بېيرۇت پورتىدا 4 – ئاۋغۇستتا پارتىلاتقۇچ ماددە ساقلىنىۋاتقان 12 - نومۇرلۇق ئىسكىلاتتا ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، ئارقىدىن ئىنتايىن كۈچلۈك پارتىلاش يۈز بەرگەن ۋە پۈتۈن بېيرۇتنى زىلزىلىگە سالغان ئىدى.
لىۋان سەھىيە مىنىستىرلىقىىنىڭ يازما باياناتىدا، پارتلاشتا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ 158 گە يەتكەنلىكى ۋە يارىلانغانلار سانىنىڭ 6 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
بېيرۇت ۋالىيسى مەرۋان ئاببۇد بېيرۇت پورتىدىكى پارتلاشتىن كېلىپ چىققان زىياننىڭ 10 مىلياردتىن 15 مىليارد دوللارغىچە بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.