بېلگىيە سوتى رىيادقا قورال سېتىپ بېرىشكە مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمنامەسىنى ئېلان قىلدى

بېلگىيە دۆلەت ئىشلىرى سوت مەھكىمىسى، دۆلەتنىڭ ۋاللون رايونىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىغا قورال سېتىشىغا رۇخسەت قىلىدىغان بىر قىسىم ئىجازەتنامىلەرنى ۋاقتىنچە توختىتىشنى قارار قىلدى.

1469285
بېلگىيە سوتى رىيادقا قورال سېتىپ بېرىشكە مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمنامەسىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەلەپلىرىگە قاراپ چىققان بېلگىيە دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى، ۋاللون رايونىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىغا قورال ئېكسپورت قىلىشىغا رۇخسەت قىلغان بىر قىسىم ئىجازەتنامىلەرنى تەستىقلاشنى ۋاقتىنچە توختىتىشقا ۋە يەنە بىر قىسىملىرىنى داۋاملاشتۇرۇشقا قارار قىلدى.

كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تۆت ئاممىۋى تەشكىلات، سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە ئارمىيەنىڭ يەمەندىكى ھۇجۇمىنى سەۋەب قىلىپ كۆرسىتىپ، بۇ دۆلەتكە قورال سېتىشقا رۇخسەت قىلىدىغان 6 ئىجازەتنامىنى بىكار قىلىش توغرىسىدا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىگە ئىلتىماس سۇنغانىدى.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يەمەندە ئۇرۇش جىنايىتى سادىر قىلغانلىقىنى، بۇ دۆلەتكە سېتىلغان قوراللارنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كېتىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ قارارىدا، سەئۇدى ئەرەبىستانىغا قورال ئېكسپورت قىلىش خەۋپىنىڭ «يېتەرلىك دەرىجىدە ئېغىر» ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

ئۇزۇندىن بۇيان سىياسىي مۇقىمسىزلىق ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان يەمەندە، ھۇسىيلار بىلەن ھۆكۈمەت ئارمىيەسى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرمەكتە. ھۇسىيلار، 2014-يىلى 9-ئايدىن باشلاپ پايتەخت سانا ۋە بىر قىسىم رايونلارنى كونترول قىلىپ كەلمەكتە. سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە كۈچلەر يەمەن ھۆكۈمىتىنى 2015-يىلى 3-ئايدىن باشلاپ ھۇسىيلارغا قارشى قوللاپ كەلمەكتە.

يەمەندىكى توقۇنۇشلار سەۋەبىدىن 100 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقى ۋە 3 مىليون كىشىنىڭ ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلغانلىقى ئەسكەرتىلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر