ئامېرىكانىڭ ئىران ئالاھىدە ۋەكىلى ھۇك ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو، ئامېرىكانىڭ ئىران ئالاھىدە ۋەكىلى برىئان ھۇكنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

1468779
ئامېرىكانىڭ ئىران ئالاھىدە ۋەكىلى ھۇك ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو  يازما بايانات ئېلان قىلىپ، «برىئان ھۇك، ئامېرىكانىڭ ئىران ئالاھىدە ۋەكىللىكى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مەسلىھەتچىلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشنى قارار قىلدى» دېدى.

ھۇكنىڭ ئىككى يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان بۇ خىزمەتنى ئۆتەپ كېلىۋاتقانلىقىنى ۋە ئىران مەسىلىسىدە زور ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن پومپېيو، «ھۇك مەن ئۈچۈن ئىشەنچىلىك بىر مەسلىھەتچى ۋە ياخشى دوست ئىدى. ئۇنىڭغا قىلغان خىزمەتچىلىرى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىمەن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

مايك پومپېيو، ھۇكنىڭ ئورنىغا يېڭى بىر كىشى تەيىنلىنىپ بولغۇچە، ئامېرىكانىڭ ۋېنېزۇئېلا ئالاھىدە ۋەكىلى ئېلىئوت ئابرامسنىڭ ھەم ۋېنېزۇئېلا ھەم ئىران ئالاھىدە ۋەكىللىك خىزمىتىنى ئۆتەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر