كېڭەش پالاتاسى تىك توك قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرىنىڭ يانفونىغا خىتاي ئىجتىمائىي تاراتقۇ مۇنبىرى تىك توكنى قاچىلاشنى چەكلىگەن قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى.

1468780
كېڭەش پالاتاسى تىك توك قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ جۇمھۇرىيەتچى ئەزاسى جوش خاۋلېي (Josh Hawley) نىڭ باشچىلىقىدا تۈنۈگۈن (2020-يىلى 6-ئاۋغۇست) پالاتا ئومۇمىي كېڭىشىگە سۇنۇلغان قانۇن لايىھەسى ماقۇللاندى.

پالاتانىڭ بارلىق ئەزالىرى قانۇن لايىھەسىنى قوللاپ ئاۋاز بەردى. ئاۋاز بىرلىكى بىلەن ماقۇللانغان قانۇن لايىھەسى فېدېراتسىيە ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرىنىڭ يانفونىغا تىك توكنى قاچىلاشنى چەكلەيدۇ.

پالاتانىڭ جۇمھۇرىيەتچى ئەزاسى جوش خاۋلېي قانۇن لايىھەسى ماقۇللانغاندىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىپ: «تىك توك دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە چوڭ تەھدىت. ھۆكۈمەت تېلېفونلىرىدا ئورۇن يوق» دېدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ ئامېرىكالىقلارنىڭ ياكى ئىدارە-ئورگانلارنىڭ خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ يۇمتالى تىك توك ۋە ئۈندىدار (ۋىچەت) بىلەن ھەر قانداق ئىش قىلىشنى چەكلەشكە مۇناسىۋەتلىك ئىككى پەرماننى ئىمزالىدى.

ھەر ئىككى يۇمتال ئۈچۈن ئايرىم ئېلان قىلىنغان پەرمانلاردا، خىتاي شىركەتلىرى تەرىپىدىن ئىشلەپچىقىرىلغان يانفون يۇمتاللىرىنىڭ ئامېرىكادا تارقىلىشىنىڭ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە، تاشقى سىياسىتىگە ۋە ئىقتىسادىغا داۋاملىق تەھدىت سېلىۋاتقانلىقى تەكىتلەندى.

پەرمانلاردا يەنە، ئامېرىكانىڭ تىك توك ۋە ئۈندىدار شىركەتلىرىگە قارشى دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ئۈچۈن دەرىجىدىن تاشقىرى قاتتىق تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشى كېرەكلىكى ئەسكەرتىلدى.

ئامېرىكادا كىشى ياكى ئىدارە-ئورگانلارنىڭ تىك توك ۋە ۋىچەت بىلەن ھەر قانداق ئىش قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەكلىپ قىلىنغان پەرمانلارنىڭ 45 كۈن ئىچىدە ئىجرا قىلىنىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

پىرېزىدېنت ترامپ 2020-يىلى 3-ئاۋغۇست بايانات ئېلان قىلىپ، تىك توكنىڭ ئامېرىكادىكى تارمىقى ئامېرىكا شىركىتىگە سېتىلمىغان تەقدىردە، 15-سېنتەبىر تىك توكنىڭ چەكلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئۇ خەۋپسىزلىك ئەندىشەلىرى سەۋەبىدىن تىك توكنىڭ خىتاينىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا بولۇشىنى خالىمايدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ، مىكروسوفت ياكى بۇنىڭغا ئوخشاش ئامېرىكانىڭ بىر چوڭ شىركىتىنىڭ تىك توكنىڭ ئامېرىكادىكى تارمىقى بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن ئىدى.        



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر