ئۈچ بالا پىرېزىدېنت ترامپنىڭ فلورىدادىكى قوروسىغا قورال بىلەن كىرگەن

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ مارا لاگو (Mar-a-Lago) دىكى قوروسىغا يېرىم ئاپتوماتىك مىلتىق كىرگەن ئۈچ بالا نازارەتكە ئېلىندى.

1468399
ئۈچ بالا پىرېزىدېنت ترامپنىڭ فلورىدادىكى قوروسىغا قورال بىلەن كىرگەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فلورىدا ئىشتاتىدا ساقچىلاردىن قاچقان ئۈچ بالا سومكىسىغا «AK-47» تىپلىق پىيادىلەر مىلتىقى قاچىلانغان ۋەزىيەتتە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپنىڭ مارا لاگودىكى قوروسىنىڭ تېمىدىن ئاتلاپ ئىچىگە كىردى.

مەسئۇل دائىرىلەر 15 ياشتىكى ئۈچ بالىنىڭ نازارەتكە ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

بالىلار «قورال-ياراغ بىلەن رۇخسەتسىز بىراۋنىڭ ئۆيىگە كىرىش»، «ئوغرىلىق قىلىش» ۋە «بىراۋنىڭ ھويلىسىدا ساقچىلاردىن مۆكۈنۈش» دېگەن جىنايەتلەر ئەيىبلەنگەن.

بالىلار ئۆزلىرىنىڭ «قورالنى تېپىۋالغانلىقى» نى، قورونىڭ باغچىىسغا ساقچىلاردىن يوشۇرۇنۇش ئۈچۈن كىرگەنلىكلىرىنى ۋە بىناغا كىرمىگەنلىكلىرىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

پىرېزىدېنت ترامپ ۋە ئۇنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ ھېچقايسىسى ۋەقە جەريانىدا قورودا يوق بولۇپ، بالىلار قورونىڭ كىمنىڭ ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغانلىقلىرىنى بايان قىلغان.

ئۆتكەن يىلى (2019) پىرېزىدېنت ترامپنىڭ مارا لاگودىكى قوروسىغا رۇخسەتسىز كىرگەن بىر خىتاي ئايال سەككىز ئايلىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر