ئەنگلىيەلىكلەرنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى پۇقرالىقىنى تاللاش نىسبىتى ئاشقان

ئەنگلىيەدىن ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىگە ئورۇنلاشقان ئەنگلىيە پۇقرالىرىنىڭ سانى بارغانسېرى ئاشماقتا.

1467979
ئەنگلىيەلىكلەرنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى پۇقرالىقىنى تاللاش نىسبىتى ئاشقان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشنى (Brexit) قارار قىلغاندىن كېيىن، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئورۇنلاشقان ئەنگلىيە پۇقرالىرى سانىنىڭ %30 ئاشقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئەنگلىيەدە چىقىدىغان «گۇاردىيان گېزىتى» نىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتى (OECD) بىلەن ياۋروپا ئىستاتىستىكا ئىشخانىسى (Eurostat) مەلۇماتلىرىنى ئاساس قىلغان خەۋەردە، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشتىن كېيىن، ئەنگلىيەدىن ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىگە كۆچۈشنىڭ ئاشقانلىقى قەيت قىلىندى.

خەۋەردە، 2015-2008-يىللىرى ئارىسىدا، يىلىغا 56 مىڭ 832 ئەنگلىيە پۇقراسىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىگە كۆچكەنلىكى، 2018-2016 –يىللىرى مەزگىلىدە بولسا، بۇ ساننىڭ 73 مىڭ 642 گە چىققانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭ پۇقرالىقىغا قوبۇل قىلىنغان ئەنگلىيەلىكلەر سانىنىڭ %500 ئاشقانلىقى ئەسكەرتىلگەن خەۋەردە، ئەنگلىيەلىكلەرنىڭ ئەڭ كۆپ گېرمانىيە پۇقرالىقىنى تاللىغانلىقى تەكىتلەندى.

خەۋەردە، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىش رېفېراندۇمى ئۆتكۈزۈلگەن 2016-يىلدىن كېيىن، 31 مىڭ 600 ئەنگلىيەلىكنىڭ گېرمانىيە پۇقراسى بولغانلىقىنى ۋە بۇ رەقەمنىڭ %2000 ئېشىشقا توغرا كېلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئەنگلىيە 2016-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن رېفېراندۇمدا %48 گە قارشى %52 ئاۋاز بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشنى قارار قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر