ترامپ لىۋاندىكى پارتلاش توغرىسىدا بايانات بەردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، بيېرۇت پورتىدا مەيدانغا كەلگەن پارتلاشنىڭ بىر ھۇجۇم ياكى ئەمەسلىكى توغرىسىدا ھېچكىمنىڭ بىر نەرسە بىلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

1468308
ترامپ لىۋاندىكى پارتلاش توغرىسىدا بايانات بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، بيېرۇت پورتىدا مەيدانغا كەلگەن پارتلاشنىڭ بىر ھۇجۇم ياكى ئەمەسلىكى توغرىسىدا ھېچكىمنىڭ بىر نەرسە بىلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، «بەزىلەر بۇنى ھۇجۇم دەپ قارىسا، يەنە بەزىلەر ئۇنداق قارىمايۋاتىدۇ» دېدى.

پىرېزىدېنت ترامپ ئاقسارايدا ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئالدىنقى كۈنىدىكى بېيرۇتتا يۈز بەرگەن توقۇنۇشنى «قورقۇنچلۇق بىر ھۇجۇم» دەپ ئاتىشغا ئىزاھات بەردى.

پارتلاشنىڭ قورقۇنچلۇق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ترامپ، «(لىۋانلىقلار) بۇنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى تېخى بىلمەيدۇ، ھېچكىم بىلمەيدۇ. نۆۋەتتە تەكشۈرۈش داۋاملىشىۋاتىدۇ. ۋەقەدە بەزى بومبا پارچىلىرى ئەتراپقا تارقىلىپتۇ، بۇ بەلكى بىر قازا بولۇشىمۇ، بەلكى بىر ھۇجۇم بولۇشىمۇ مۇمكىن. ھازىرقى باسقۇچتا بىرسى بىر نەرسە دېيەلەيدۇ، دەپ ئويلىمايمەن. مەسىلىگە قاراۋاتىمىز، بەزىلەر بۇنى ھۇجۇم دېسە، يەنە بەزىلەر ئۇنداق قارىمايۋاتىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر