دۇنيادا يۇقۇم سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 705 مىڭدىن ئاشتى

دۇنيا مىقياسىدا ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 705 مىڭ 23 تىن، يۇقۇملانغانلار سانى 18 مىليون 731 مىڭدىن ۋە سالامەتلىكى ياخشىلانغانلار سانى 11 مىليون 944 مىڭدىن ئاشتى.

1467653
دۇنيادا يۇقۇم سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 705 مىڭدىن ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستاندا يېقىنقى 24 سائەتتە 857 كىشى ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ جەمئىي سانى 39 مىڭ 856 گە چىقتى. جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى بولسا، 1 مىليون 910 مىڭ 681 گە چىقتى.

رۇسىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ جەمئىي سانى 14 مىڭ 940 قا چىقتى. 866 مىڭ 627 كىشى يۇقۇملاندى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 17 مىڭ 802 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان ئىراندا، يۇقۇملانغانلار سانى 317 مىڭ 483 كە چىقتى.

ئىراقتا يېقىنقى 24 سائەتتە 83 كىشى ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلدى ۋە جەمئىي سان 5 مىڭ 17 گە چىقتى. ئوخشاش ۋاقىتتا، 2 مىڭ 836 كىشىنىڭ يۇقۇملىنىشى بىلەن جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى 134 مىڭ 722 گە چىقتى.

يېقىنقى 24 سائەتتە ئافرىقا قىتئەسىدە 472 كىشى ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلدى ۋە جەمئىي سان 21 مىڭ 143 كە چىقتى. ئوخشاش ۋاقىتتا، 9 مىڭ 759 كىشى يۇقۇملاندى ۋە جەمئىي سان 982 مىڭ 219 غا چىقتى.

ئافرىقا قىتئەسىدىكى دۆلەتلەر ئىچىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى جەھەتتە 8 مىڭ 884 ئۆلۈم بىلەن جەنۇبىي ئافرىقا بىرىنچى ئورۇندا، 4 مىڭ 912 ئۆلۈم بىلەن مىسىر ئىككىنچى ئورۇندا ۋە 1 مىڭ 248 ئۆلۈم بىلەن ئالجىرىيە ئۈچىنچى ئورۇندا تۇردى.

يېقىنقى 24 سائەتتە خىتايدا ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك 27 ۋەقە، جەنۇبىي كورېيەدە 33 ۋەقە كۆرۈلدى.

ئافغانىستان سەھىيە مىنىستىرى ئەھمەت جەۋاد ئوسمانى ئافغانىستاندا 10 مىليون كىشىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنىڭ تەخمىن قىلىۋاتقانلىقلىرىنى ئېلان قىلدى.

بەزى دۆلەتلەردىكى ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ئۆلۈم سانلىرى تۆۋەندىكىچە:

پاكىستان 6 مىڭ 14، باڭلادىش 3 مىڭ 234، سەئۇدى ئەرەبىستان 2 مىڭ 984، ئافغانىستان 1 مىڭ 288.     



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر