بىر قىسىم غەرب ئەللىرىدىكى يۇقۇم ئەھۋالىغا دائىر يېڭى ئۇچۇرلار...

دۇنيا مىقياسىدا ۋىرۇس سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 704 مىڭ 784 دىن ئېشىپ، يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 18 مىليون 727 مىڭ 965 دىن ۋە ساقايغانلار سانى 11 مىليون 940 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى.

1467487
بىر قىسىم غەرب ئەللىرىدىكى يۇقۇم ئەھۋالىغا دائىر يېڭى ئۇچۇرلار...

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكادا 160 مىڭ 318 كىشى ۋىرۇس سەۋەبىدىن قازا قىلدى. يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 4 مىليون 918 مىڭ 770 كىشىگە يەتتى. ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ دۆلىتىنىڭ ۋىرۇس سەۋەبىدىن قازا قىلىش ۋە يۇقۇملىنىش نىسبىتى جەھەتتىن دۇنيا بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغانلىقى ئۈستىدە توختىلىپ، «كىشىلەر ئۆلىۋاتىدۇ، بۇ راست. بۇ بىر ئەمەلىيەت. لېكىن بۇ بىزنىڭ كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسەتمىگەنلىكىمىزنى بىلدۈرمەيدۇ. يۇقۇمنى دۆلىتىمىزدە كونترول قىلالىغان يەرگىچە كونتروللۇق ئاستىغا ئالدۇق. بۇ بىر قورقۇنچلۇق ۋابا » دېدى ھەمدە كوۋىد -19 بىلەن يۇقۇملانغان ئاقساراي  دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى ئوبرىئېننىڭ يېقىنقى ئىككى قېتىملىق تەكشۈرۈشتە ساق چىقىپ، خىزمەت ئورنىغا قايتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

بىرازىلىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 154 كىشىنىڭ قازا قىلىشى بىلەن كوۋىد -19 دىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 96 مىڭ 96 گە يەتتى، يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 51 مىڭ 603 كىشى ئېشىپ، 2 مىليون 808 مىڭ 76 گە ئۆرلىدى.

مېكسىكادا يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە كوۋىد -19 سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 857 كىشى ئېشىپ، 48 مىڭ 869 غا يەتتى. يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 6 مىڭ 148 كىشى ئېشىپ، 449 مىڭ 961 غا ئۆرلىدى.

ئەنگىلىيەدە ھازىرغىچە ۋىرۇس بىلەن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 46 مىڭ 299 غا ۋە يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 306 مىڭ 293 كە يەتتى.

گىرېتسىيەدە 209 كىشى قازا قىلدى، يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 121 كىشى ئېشىپ، 4855 كە يەتتى. گىرېتسىيەدە  ماسكا تاقاش مەجبۇرىيىتى دائىرىسىگە يېپىق رايونلاردىن باشقا يەنە، پاراخوت ئۈستىلى قاتارلىق بىر قىسىم ئوچۇق رايونلارمۇ قوشۇلدى.

ئىتالىيەدە ۋىرۇستىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 35 مىڭ 171، فىرانسىيەدە 30 مىڭ 296، ئىسپانىيەدە 28 مىڭ 498، كانادادا 8 مىڭ 958، ئاۋىستىرالىيەدە 247 كىشىگە يەتتى.


خەتكۈچ: #يۇقۇم , #دۇنيا

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر