ئىمران خان: تېھران - رىياد سۈركىلىشى رايونغا نىسبەتەن ئەڭ ناچار سېنارىيە

پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمران خان، ئىران بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان ئوتتۇرىسىدىكى بىر توقۇنۇشنىڭ «رايونغا نىسبەتەن ئەڭ ناچار سېنارىيە» ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1466663
ئىمران خان: تېھران - رىياد سۈركىلىشى رايونغا نىسبەتەن ئەڭ ناچار سېنارىيە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىمران خان قاتارنىڭ «ئەلجەزىرە» قانىلىغا بايانات بېرىپ، دۆلىتىنىڭ ئوتتۇرا شەرق سىياسىتىگە ئىشارەت قىلغان ھالدا، «رايونغا نىسبەتەن ئەڭ ناچار سېنارىيە ئىران بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان ئوتتۇرىسىدا چىقىدىغان بىۋاسىتە توقۇنۇشتۇر» دېدى.

پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمران خان دۆلىتىنىڭ بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «تېھران بىلەن رىياد ئوتتۇرىسىدىكى مۇرەسسەلەشتۈرگۈچىلىكىمىز داۋاملىشىۋاتىدۇ، بىراق ئاستا ئىلگىرىلەۋاتىدۇ» دېدى.

ئۇ، مۇسۇلمانلار ھىندىستاندا دۇچ كېلىۋاتقان ئايرىمچىلىق توغرىسىدىمۇ توختىلىپ، «ھىندىستاندا مۇسۇلمانلارغا قىلىنىۋاتقان ئىشلار يەھۇدىيلارنىڭ ناتسىست گېرمانىيەسىدە باشتىن كەچۈرگەنلىرىگە ئوخشايدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

دۆلىتىنىڭ يەمەندە تىنچلىق ئورنىتىشقا تىرىىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىمران خان، رايوندا يۈز بەرگەن ئىشلارغا «ئىنسانىي كىرىزىس» دەپ باھا بەردى.

باش مىنىستىر ئىمران خان تۈركىيە – پاكىستان مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدا بولسا، «تۈركىيە بىلەن ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىمىزنى كۈچەيتىپ مۇناسىۋەتلىرىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر