دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: دورا تېپىلماسلىقى مۇمكىن

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) قارمىقىدا خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى باش كاتىپى تېدروس ئادانوم گېبرېيۇس بايانات بەردى.

1466657
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: دورا تېپىلماسلىقى مۇمكىن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) قارمىقىدا خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى باش كاتىپى تېدروس ئادانوم گېبرېيۇس بايانات بېرىپ، دۇنيا مىقياسىدا 18 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمگە يۇققان كوۋىد – 19 غا ئىشارەت قىلغان ھالدا «ئۇنى يوقىتىدىغان بىر دورا تېپىلماسلىقى مۇمكىن» دېدى.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى باش كاتىپى تېدروس ئادانوم گېبرېيۇس ئىنتېرنېت مۇھىتىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، «كوۋىد – 19 ئۈچۈن ھەممىلا نەرسىنى يوقىتىپ تاشلايدىغان بىر كۈمۈش ئوق تېپىلماسلىقى، نورمالغا قايتىش يولى ناھايىتى ئۇزۇن بولۇشى مۇمكىن» دېدى.

ئۇ، ماسكا تاقاشنىڭ، ئىجتىمائىي ئارىلىق ساقلاشقا رىئايە قىلىشنىڭ، قولنى مۇنتىزم يۇيۇشنىڭ ۋە سالامەتلىكىنى تەكشۈرتكۈزۈشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى بىلدۈردى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «نۆۋەتتە نۇرغۇن ۋاكىسنا ئۈچىنچى كىلىنىكىلىك سىناقتىن ئۆتكۈزۈلمەكتە. بۇ ۋاكسىنىلارنىڭ ئىنسانلارنىڭ كېسەلگە دۇچار بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بىراق ھازىرغىچە ھەممىلا نەرسىنى يوقىتىپ تاشلىغان بىر كۈمۈش ئوق يوق ۋە يەنە بىر مەزگىل بولماسلىقى مۇمكىن» دېدى.

باش كاتىپ گېبرېيۇس ئانىلارغا چاقىرىق قىلىپ، «كوۋىد – 19 تىن يۇقۇملانغان ئانىلار بوۋاقلىرىنى ئېمېتىشى كېرەك. چۈنكى ئېمىتىشنىڭ پايدىلىرى يۇقۇمنىڭ خەۋپلىرىدىنمۇ ئېغىر سالماقنى ئىگىلەيدۇ» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر