يۇقۇمنىڭ بىر قىسىم غەرب ئەللىرىدىكى ئەھۋالىغا دائىر ئۇچۇرلار

دۇنيا مىقياسىدا ۋىرۇس سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى 693 مىڭ 410 دىن، يۇقۇملانغانلار سانى 18 مىليون 260 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى، ساقايغانلار سانى 11 مىليون 462مىڭغا يەتتى.

1466160
يۇقۇمنىڭ بىر قىسىم غەرب ئەللىرىدىكى ئەھۋالىغا دائىر ئۇچۇرلار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يۇقۇمنىڭ  مەركىزىگە ئايلانغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان  1152 كىشى بىلەن قوشۇلۇپ، 158 مىڭ 365 كە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 4 مىليون 813 مى؛ڭ 647 گە يەتتى.

بىرازىلىيەدە  ھازىرغىچە يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 94 مىڭ 130 غا، يۇقۇملانغۇچىلار سانى ئىككى مىليون  733 مىڭ 677 گە يەتتى.

مېكسىكادا يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 47 مىڭ 746 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 47 مىڭ 746 گە يەتتى.

چىلىدا يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 9 مىڭ 608 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 359 مىڭ 731 گە يەتتى.

ئارگېنتىنادا ېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە قازا قىلغان 52 كىشى  بىلەن قوشقاندا، يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 3 مىڭ 648 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 201 مىڭ 919 غا يەتتى.

 يۇقۇمنىڭ ياۋروپادىكى مەركىزىگە ئايلانغان ئەنگلىيەدە، ھازىرغىچە يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 46 مىڭ 201 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 304 مىڭ 695 كە يەتتى.

يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 249 غا، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 8 مىڭ 799 غا يەتكەن  كوسوۋو باش مىنىستىرى ئاۋدۇللاھ ھوتى، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بۈگۈندىن ئېتىبارەن ئۆزۈمنى كارانتىن ئاستىغا ئالىمەن، ۋەزىپە ئۆتەشنى ئۆيدىن داۋاملاشتۇرىمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر