ئافغانىستاندا تۈرمىدە يۈز بەرگەن ھۇجۇمدا نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

ئافغانىستاننىڭ شەرقىدىكى نانگارخار ۋىلايىتىدە تۈرمىدە يۈز بەرگەن قوراللىق ۋە بومبا ھۇجۇمىدا 13 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

1466174
ئافغانىستاندا تۈرمىدە يۈز بەرگەن ھۇجۇمدا نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نانگارخار ۋالىي مەھكىمىسى باياناتچىسى ئاتائۇللاھ ھوڭيانىنىڭ ئانادولۇ ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا بىلدۈرۈشىچە، زوراۋانلاردىن بىرى بومبا قاچىلانغان ئاپتوموبىل ئارقىلىق نانگارخار تۈرمىسىنىڭ دەرۋازىسىغا ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن، باشقا زوراۋانلار ئىچكىرى كىرىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بىلەن توقۇنۇشقان. ئۇدا بىرقانچە سائەت داۋاملاشقان ھۇجۇمدىن كېيىن 3 زوراۋان بىر تەرەپ قىلىنغان، ھۇجۇمدا 13 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 42 كىشى يارىلانغان.

ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېخىچە ھېچكىم ئۆز ئۈستىگە ئالمىغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر