ئامېرىكا خوڭكوڭدا سايلاملارنىڭ كېچىكتۈرۈلۈشىنى ئەيىبلىدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى خوڭكوڭدا قانۇن كېڭىشى سايلاملىرىنىڭ كېچىكتۈرۈلۈشىنى ئەيىبلىدى.

1465318
ئامېرىكا خوڭكوڭدا سايلاملارنىڭ كېچىكتۈرۈلۈشىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي باياناتچىسى كايلېگ ماكېنانسى، خوڭكوڭدا قانۇن كېڭىشى سايلاملىرىنىڭ بىر يىل كېچىكتۈرۈلۈشى توغرۇلۇق ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى: «خوڭكوڭ ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇن كېڭىشى سايلاملىرىنى بىر يىل كېچىكتۈرۈش ۋە ئۆكتىچى نامزاتلارنىڭ سالاھىيىتىنى بىكار قىلىش قارارىنى ئەيىبلەيمىز. دەرۋەقە، بۇ قارار خوڭكوڭنىڭ دېموكراتىك ۋە ئەركىنلىك مۇساپىسىغا توسقۇنلۇق قىلدى.»

خوڭكوڭنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى كارى لام، تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان باياناتىدا، ھۆكۈمەتنىڭ، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانى كۆپىيىپ كەتكەنلىكتىن، قانۇن كېڭىشى سايلاملىرىنى بىر يىل كېچىكتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەنىدى: «بىز ساغلاملىق مەسىلىسىگە ھەققانىيەت ۋە ئومۇمنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئارقىلىق كاپالەتلىك قىلىشنى خالايمىز . دەرۋەقە، سايلاملارنىڭ ئوچۇق – ئاشكارا، ئادىل ۋە تەرەپسىز ئۆتكۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. شۇڭا، بۇ قارار ئىنتايىن مۇھىم.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر