ترامپ: خىتاينىڭ TikTok مۇنبىرىنى چەكلەيمىز

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ مەركىزى خىتايدىكى ئاممىۋى تاراتقۇ مۇنبىرى TikTok نى چەكلەش ئۈچۈن قارارنامە ئىمزالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1465412
ترامپ: خىتاينىڭ TikTok مۇنبىرىنى چەكلەيمىز
tiktok.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ترامپ، فلورىدا ئىشتاتىغا قىلغان زىيارىتىدىن كېيىن پايتەخت ۋاشىنگتونغا قايتىشىدا ئايروپىلاندا بەرگەن باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «TikTok مۇنبىرىگە قوللىنىلىدىغان تەدبىرلەر ھەققىدە ئۇزۇندىن بۇيان ئويلىنىۋاتاتتۇق، بۇ مۇنبەرنى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا چەكلەيمىز. ھازىر مۇھىم بولغىنى، ئىقتىسادىي ئەھۋاللارغا ئالاقىدار جىددىي قارار چىقىرىش ھوقۇقى بولۇپ، TikTok نى چەكلەش ئۈچۈن بۇ ھوقۇقىمنى ئىشقا سالىمەن، ياكى پىرېزىدېنت قارارنامىسى ئىمزالايمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر