رۇسىيەدىن تۈركىيەگە ئايروپىلان سەپەرلىرى باشلاندى

رۇسىيەدىن تۈركىيەگە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن يوختىتىپ قويۇلغان ئايروپىلان سەپەرلىرى باشلاندى.

1465392
رۇسىيەدىن تۈركىيەگە ئايروپىلان سەپەرلىرى باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋادىكى ۋنۇكوۋو ئايرودۇرۇمىغا بارغان يولۇچىلار، تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇش ئۈچۈن رەسمىيەتلىرىنى بېجىردى.

كۆپىنچىسى رۇسىيە پۇقرالىرىدىن تەشكىل تاپقان يولۇچىلارنىڭ بىر قىسمى، ئىستانبۇل ئارقىلىق ئانتالياغا بېرىپ، دەم ئېلىشنى پىلانلاۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.

ئەتىگەن تەرەپلەردە تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ ئىستانبۇلغا كەلگەن ۋە كۆپىنچىسى ماسكا تاقىغان يولۇچىلار تېرمال كامېرالار ئارقىلىق بەدەن تېمپېراتۇرىسى كونترول قىلىنغاندىن كېيىن، نەرسە – كېرەكلىرىنى ئېلىپ، ئايرودۇرۇمدىن ئايرىلدى.

تۈركىيە – رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئايروپىلان سەپەرلىرى، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن مارت ئېيىدا توختىتىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر