گېرمانىيە: خوڭكوڭ بىلەن تۈزۈلگەن «جىنايەتچىلەرنى ئۆزئارا قايتۇرۇپ بېرىش كېلىشىمى» توڭلىتىپ قويۇلدى

گېرمانىيە خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا سېنتەبىردە ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلانغان قانۇن كېڭىشى سايلاملىرىنىڭ بىر يىل كېچىكتۈرۈلگەنلىكى ئۇقتۇرۇلغاندىن كېيىن، خوڭكوڭ بىلەن تۈزۈلگەن  «جىنايەتچىلەرنى ئۆزئارا قاۇتۇرۇپ بېرىش كېلىشىمى» نىڭ توڭلىتىپ قويدى.

1465407
گېرمانىيە: خوڭكوڭ بىلەن تۈزۈلگەن «جىنايەتچىلەرنى ئۆزئارا قايتۇرۇپ بېرىش كېلىشىمى» توڭلىتىپ قويۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھېيكو مائاس، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، خوڭكوڭ ھۆكۈمىتىنىڭ 12 ئۆكتىچى نامزاتىنى قانۇن كېڭىشى سايلاملىرىغا قاتنىشىشتىن مەنئىي قىلىشى ۋە سايلاملارنىڭ بىر يىل كېچىكتۈرۈلۈشى توغرۇلۇق چىقىرىلغان قارارنىڭ، خوڭكوڭلۇقلارنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىغا مۇداخىلە قىلىش ھېسابلىنىدىغانلىقىنى، بۇ قارارنىڭ، 4 نەپەر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسىنىڭ قولغا ئېلىنىشىدىن كېيىن چىقىرىلىشىنىڭ دىققەت قوزغايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «مەۋجۇت ئۆزگىرىشلەرگە ئاساسەن، خوڭكوڭ بىلەن دۆلىتىمىز ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن <جىنايەتچىلەرنى ئۆزئارا قاۇتۇرۇپ بېرىش كېلىشىمى> نى توڭلىتىپ قويۇشنى قارارلاشتۇردۇق. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، خىتاينىڭ خەلقئارا قانۇنغا رىئايە قىلىش مەجبۇرىيىتى بار بولۇپ، بېيجىڭدىن بۇنىڭغا رىئايە قىلىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىمىزنى كۆپ قېتىم ئوتتۇرىغا قويدۇق. ئەركىن ۋە ئادىل سايلاملارنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى خوڭكوڭلۇقلارنىڭ ئەڭ تەبىئىي ھەققىدۇر.»

خوڭكوڭنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى كارى لام، تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان باياناتىدا، ھۆكۈمەتنىڭ، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانى كۆپىيىپ كەتكەنلىكتىن، قانۇن كېڭىشى سايلاملىرىنى بىر يىل كېچىكتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر