لىۋىيەدە ھەفتەرنىڭ سەپلىرىدە ئۇرۇش قىلغان بالىلارنىڭ بىر قىسمى قويۇپ بېرىلدى

لىۋىيە ئارمىيەسى دۆلەتنىڭ شەرقىدىكى قانۇنسىز كۈچلەرنىڭ رەھبىرى ھەفتەرنىڭ سەپلىرىدە ئۇرۇش قىلىۋاتقاندا تۇتۇلۇپ قالغان بالىلاردىن بىر قىسمىنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

1464243
لىۋىيەدە ھەفتەرنىڭ سەپلىرىدە ئۇرۇش قىلغان بالىلارنىڭ بىر قىسمى قويۇپ بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن داۋاملاشتۇرۇلۇۋاتقان «غەزەپ ۋولقىنى» ھەربىي ھەرىكىتى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Facebook سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ھەفتەرنىڭ سەپلىرىدە ئۇرۇش قىلىۋاتقاندا تۇتۇلۇپ قالغان 18 ياشتىن كىچىك بالىلاردىن بىر قىسمىنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى، ئەمما بۇ بالىلارنىڭ سانى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىدى.

لىۋىيە ھۆكۈمىتى ھەفتەر كۈچلىرىنى ترابلۇس ھۇجۇملىرى جەريانىدا «بالا جەڭچى» ئىشلىتىش بىلەن ئەيىبلىمەكتە.

ھەفتەر پايتەخت ترابلۇسنى قولغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن 2019 – يىلى 4 – ئاپرېل كۈنى ھۇجۇمغا ئۆتۈش ئۈچۈن بۇيرۇق چۈشۈرگەن، بۇنىڭغا ئاساسەن، لىۋىيە ئارمىيەسىگە قاراشلىق قىسىملارمۇ ھەفتەر كۈچلىرىگە قارشى قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتكەنىدى.

2011 – يىلدىن بۇيان قانۇنلۇق سالاھىيەت كىرىزىسىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان لىۋىيەدە، خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان ھۆكۈمەتكە قاراشلىق قىسىملار بىلەن ھەفتەرگە قاراشلىق كۈچلەر ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇشلار داۋاملاشماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر