ياۋروپا ئىتتىپاقى خوڭكوڭ خەلقىنى قوللاش ئۈچۈن تەدبىر پىلانىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى جاكارلىدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا يولغا قويۇلىدىغان «دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنى» دىن كېيىن، خوڭكوڭ خەلقىنى قوللاش ئۈچۈن بىر تۈركۈم تەدبىرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پىلان تەكلىپىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1463836
ياۋروپا ئىتتىپاقى خوڭكوڭ خەلقىنى قوللاش ئۈچۈن تەدبىر پىلانىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى جاكارلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئېلاندا، تەدبىر پىلانى دائىرىسىدىكى ساھەلەر «كۆچمەنلەر، پاناھلىنىش ۋە ۋىزا سىياسىتى، سەزگۈر ئۈسكۈنىلەر ۋە تېخنىكا ئېكسپورتى، خوڭكوڭ ئۇنىۋېرسىتېتلىرى بىلەن ئاكادېمىك ئالماشتۇرۇش پروگراممىسى ۋە ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش مۇكاپات پۇلى، ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنى قوللاش، خوڭكوڭ بىلەن جىنايەتچىلەرنى ئالماشتۇرۇش ۋە باشقا ساھەلەردىكى كېلىشىملەر» دەپ رەتكە تىزىلدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاينىڭ مەزكۇر «دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنى» نىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى يېقىندىن كۆزىتىدىغانلىقى، تەكىتلەنگەن ئېلاندا يەنە، تەدبىر پىلانىنىڭمۇ قايتا كۆزدىن كەچۈرۈلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

خىتاينىڭ ئەڭ يۇقىرى قانۇن ماقۇللاش ئورگىنى بولغان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىدا 30 - ئىيۇندا بىردەك ماقۇللانغان مەزكۇر قانۇن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ تەرىپىدىن ئىمزالانغان ئىدى.

بۇ قانۇن ئارقىلىق خىتاي ئاخباراتلىرىدا «خوڭكوڭ خائىنلىرى» سۈپىتىدە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ئۆكتىچى ژۇرنالىستلار، سودا - سانائەتچىلەر ۋە پائالىيەتچىلەرنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىنى باھانە قىلىپ، سوتقا تارتىلىشى ئاسانلىشىدىغان بولۇپ، بۇ دائىرىدە يەنە، چەكلەنگەن جىنايەتلەرنى سادىر قىلغۇچىلارنى  3 يىللىقتىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغىچە  جازالاشنىڭمۇ ئاسانلىشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.


خەتكۈچ: #خىتاي , #خوڭكوڭ

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر