يۇقۇمنىڭ بىر قىسىم شەرق ئەللىرىدىكى ئەھۋالىغا دائىر ئۇچۇرلار...

دۇنيا مىقياسىدا ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى 663541 دىن، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 16 مىليون 899700 دىن، سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر سانى 10 مىليون 462852 دىن ئېشىپ كەتتى.

1463750
يۇقۇمنىڭ بىر قىسىم شەرق ئەللىرىدىكى ئەھۋالىغا دائىر ئۇچۇرلار...

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستاندا يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغان 768 كىشىنى قوشقاندا جەمئىي قازا قىلغانلار سانى 34193 كە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى تۈنۈگۈن بىر كۈندە بايقالغان 48513 ئادەمنى قوشقاندا جەمئىي 513669 غا يەتتى.

رۇسىيەدە قازا قىلغانلار سانى 13504 كە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 823515 كە يەتتى.

ھازىرغىچە 16147 ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقى دوكلات قىلىنغان ئىراندا يۇقۇملانغۇچىلار سانى 296273 كە يەتتى.

بېلارۇسىيە پىرېزىدېنتى ئالېكساندېر لۇكاشېنكو، كوۋىد – 19 دىن يۇقۇملانغانلىقنى ۋە كېسەللىكنى ئالامەتلىرى كۆرۈلمەستىن يەڭگەنلىكىنى بىلدۈدى. دۆلىتىدە نوپۇسنىڭ %97 ىنىڭ بۇ ۋىرۇسقا كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلمەستىن دۇچار بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن لۇكاشېنكو، «تەڭرىگە شۇكۇر، مەنمۇ بۇ كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن تۈركۈمگە كىردىم» دېدى.

بېلارۇسىيە سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 5 يۇقۇملانغۇچى قازا قىلغان، جەمئىي قازا قىلغانلار سانى 543 كە يەتكەن، يېڭىدىن يۇقۇم بايقالغان 115 ئادەمنى قوشقاندا جەمئىي يۇقۇملانغۇچىلار سانى 67366 گە كۆپەيگەن.

ئىسرائىلىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 12 يۇقۇملانغۇچىنىڭ قازا قىلغانلىقى، يېڭىن 3165 كىشىدە يۇقۇم بايقالغانلىقى بىلدۈرۈلدى؛ شۇنىڭ بىلەن يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى 486 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 65791 گە يەتتى.

ئافرىقا قىتئەسى مىقياسىدا يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 322 كىشى يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلدى، جەمئىي قازا قىلغانلار سانى 18540 قا يەتتى؛ يېڭىدىن 13499 كىشىدە يۇقۇم بايقالدى، شۇنىڭ بىلەن جەمئىي يۇقۇملانغۇچىلار سانى 877593 كە ئۆرلىدى.

بۈگۈنگىچە 4634 كىشىنىڭ يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلىقى دوكلات قىلىنغان خىتايدا، يېڭىدىن 101 ئادەمدە يۇقۇم بايقالغانلىقى، جەمئىي يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ 84060 قا يەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ھازىرغىچە يۇقۇم سەۋەبىدىن 300 ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقى دوكلات قىلىنغان جەنۇبىي كورېيەدە، يېڭىدىن 48 ئادەمدە يۇقۇم بايقالغانلىقى، جەمئىي يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ 14251 گە يەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر