خىتاي: 3 دۆلەتنىڭ خوڭكوڭ بىلەن تۈزگەن گۇماندارلارنى قايتۇرۇپ بېرىش كېلىشىمى توڭلىتىلدى

خىتاي، كانادا، ئاۋسترالىيە ۋە ئەنگلىيەنىڭ خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرى رايونى بىلەن تۈزگەن جىنايەت گۇماندارلىرىنى قايتۇرۇپ بېرىش كېلىشىمىنى توڭلىتىپ قويدى.

1463711
خىتاي: 3 دۆلەتنىڭ خوڭكوڭ بىلەن تۈزگەن گۇماندارلارنى قايتۇرۇپ بېرىش كېلىشىمى توڭلىتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنمىن بېيجىڭدا ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بايانات بېرىپ، كانادا، ئاۋسترالىيە ۋە ئەنگلىيەنىڭ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا قايتۇرۇلغان ئىنكاس سۈپىتىدە مەزكۇر دۆلەتلەر بىلەن خوڭكوڭ ئوتتورىسىدىكى جىنايەت گۇماندارلىرىنى قايتۇرۇپ بېرىش ۋە ئەدلىيە ساھەسىدە ھەمكارلىىشىش كېلىشىملىرىنىڭ توڭلىتىپ قويۇلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ۋاڭ ۋېنمىن، كانادا، ئاۋسترالىيە ۋە ئەنگلىيەنىڭ ئەدلىيە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى سىياسىيلاشتۇرغانلىقىنى ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە قوش ئۆلچەم قوللانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

كانادا، ئاۋسترالىيە ۋە ئەنگلىيە، خىتاينىڭ خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرى رايونىدا دۆلەت خەۋپسىزلىك قانۇنىنى ئىجرا قىلىشقا باشلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر تەرەپلىمە ھالدا خوڭكوڭ بىلەن ئىمزالانغان جىنايەت گۇماندارلىرىنى قايتۇرۇپ بېرىش كېلىشىمىنى توختىتىپ قويغانلىقلىرىنى ئېلان قىلغانىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن يېڭى زېلاندىيەمۇ بۈگۈن خوڭكوڭ بىلەن تۈزگەن مەزكۇر كېلىشىمنى توڭلىتىپ قويغانلىقىنى ئېلان قىلغان ۋە بۇ كېلىشىمنىڭ ئىجرا قىلىنىشىدىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.

بېيجىڭ ھۆكۈمىتى، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ بۇ مەسىلە توغرىسىدىكى پوزىتسىيەسىگە خوڭكوڭغا سىرتنىڭ مۇداخىلە قىلىشى دەپ باھا بېرىپ قارشى چىقماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر