دىئامېتىرى 190 مېتىر كېلىدىغان مېتېئورىت تېشى يەرشارىغا يېقىنلاشماقتا
ئامېرىكا ئاۋىئاتسىيە ۋە ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى (NASA) چارشەنبە كۈنى (8-ئاينىڭ 5-كۈنى) دىئامېتىرى 84 مىتىردىن 190 مېتىرغىچە بولغان مېتېئورىت تېشىنىڭ يەر شارىغا يېقىن جايدىن ئۆتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
1464056
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇتەخەسسىسلەر 2009 - يىلى 14 - ئاۋغۇستتىن بېرى تەقىپ قىلىپ كېلىۋاتقان ۋە 2009 - يىلى «PQ1» دەپ ئىسىم قويغان بۇ مېتېئورىت تېشى، 5 - ئاۋغۇست كۈنى تۈركىيە ۋاقتى سائەت 19.35 ئۆتكەندە دۇنيا بىلەن ئەڭ يېقىن ۋەزىيەتكە كېلىدۇ.
ئامېرىكا ئاۋىئاتسىيە ۋە ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى (NASA) نىڭ مۆلچەرلىشىچە، مېتېئورىت تېشى يەرشارىغا تەخمىنەن 2 مىليون 700 مىڭ كىلومېتىر ئۇزاقلىقتىن كەلمەكتە ئىكەن.
ئۇنىڭ ئىسمى يەرشارىغا يېقىن كىچىك سەييارە گۇرۇپپىسىنىڭ يېنىدىكى ئاپوللو تىزىملىكىدە ئورۇن ئالغان بولۇپ، 2009 – يىلى «PQ1» دەپ ئىسىم قويغان ۋە يەرشارى بىلەن سوقۇلۇش مۇمكىنلىكى بارلىقى تەخمىن قىلىنغان ئىدى.
بۇ كىچىك سەييارەنىڭ 2137 - يىلى يەنە بىر قېتىم يەرشارىغا يېقىنلىشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.