ئاۋسترالىيەدىكى نامايىشتا 6 ئادەم نازارەت ئاستىغا ئېلىندى

ئاۋسترالىيەدە ساقچىلارنىڭ مۇشتۇمزورلۇقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش مەقسىتدە نامايىش ئۆتكۈزگەن 50 كىشى ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) نى تىزگىنلەش تەدبىرلىرىگە خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ تارقىتىۋېتىلدى.

1463188
ئاۋسترالىيەدىكى نامايىشتا 6 ئادەم نازارەت ئاستىغا ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاۋسترالىيەدە ساقچىلارنىڭ مۇشتۇمزورلۇقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش مەقسىتدە نامايىش ئۆتكۈزگەن 50 كىشى ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) نى تىزگىنلەش تەدبىرلىرىگە خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ تارقىتىۋېتىلدى، ساقچىلارغا قارشىلىق كۆرسەتكەن 6 كىشى نازارەت ئاستىغا ئېلىندى.

ئاۋسترالىيەنىڭ سىدنېي شەھىرىدە 50 كىشى ئىرقىي ئادالەتنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى ۋە ساقچى مۇشتۇمزورلۇقىغا خاتىمە بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىپ نامايىش ئۆتكۈزدى.

ئابورجىنى خەلقىنىڭ نازارەت ئاستىدا ئۆلۈپ كېتىش ئەھۋاللىرىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن نامايىشچىلار، ساقچىلار تەرىپىدىن تارقاقلاشتۇرۇلدى؛ قارشىلىق كۆرسەتكەن 6 كىشى نازارەت ئاستىغا ئېلىنىپ، ھەربىرىگە مىڭ دوللاردىن جەرىمانە قويۇلدى.

ئاۋسترالىيەدە كوۋىد – 19 دىن يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىن كېيىن، مېلبۇرندا يولغا قويۇلغان كوچىغا چىقىش چەكلىمىسى، دۆلەت مىقياسىدا ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر