مالايشىيانىڭ سابىق باش مىنىستىرى نەجىپ رەزاقنىڭ جىنايىتى بېكىتىلدى

مالايشىيانىڭ سابىق باش مىنىستىرى نەجىپ رەزاق مالايشىيا ئاممىۋى تەرەققىيات فوندى (1MDB) غا ئالاقىدار چىرىكلىك دېلوسىدا سوتلىنىپ «خىيانەتچىلىك جىنايىتى» بېكىتىلدى.

1463113
مالايشىيانىڭ سابىق باش مىنىستىرى نەجىپ رەزاقنىڭ جىنايىتى بېكىتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مالايشىيانىڭ سابىق باش مىنىستىرى نەجىپ رەزاق بۇ فوندتىن 42 مىليون مالايشىيا رىڭگىتىنى ئۆز ھېسابىغا كىرگۈزۈۋىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن دېلونىڭ قارار چىقىرىش سوتىدا سوتقا چىقىرىلدى.

شۇ يەرنىڭ ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 10 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە سوتچى موھد نازلان موھد غازالى دېلوغا قارىتا سوتنىڭ ھۆكمىنى ئوقۇدى. نەجىپنىڭ فوندقا تەۋە پۇلغا خىيانەت قىلغانلىقى ئىسپاتلانغانلىقىنى بايان قىلىپ، سابىق باش مىنىستىرنىڭ جىنايىتى بېكىتىلگەن ھۆكۈمنامىنى ئېلان قىلدى.

سوتچى موھد نازلان موھد غازالى بۇ قارارغا ئاساس قىلىنغان سەۋەپ سۈپىتىدە، نەجىپنىڭ خىيانەت قىلغان پۇلىنى فوندقا قايتۇرۇشقا ئۇرۇنمىغانلىقىنى ۋە ئادۋوكاتلىرىنىڭمۇ بۇ ئەيىبلەشكە قارشى دەلىل-ئىسپات كۆرسەتمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

سابىق باش مىنىستىر سوتلانغان باشقا دېلولارغا دائىر ھۆكۈملەرنىڭمۇ بۈگۈن ئېلان قىلىنىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

چىرىكلىك تەكشۈرۈشى دائىرىسىدە، سابىق باش مىنىستىر 42 ئايرىم جىنايەت بىلەن سوتلانماقتا ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر