كانادادىكى ئوت ئاپىتىدە، 11 ئۆي كۈلگە ئايلاندى

كانادانىڭ ئونتارىيو ئۆلكىسىدە 3 قەۋەتلىك قاتار ئۆيلەردە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە، 11 ئۆي كۈلگە ئايلاندى.

1463243
كانادادىكى ئوت ئاپىتىدە، 11 ئۆي كۈلگە ئايلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كانادانىڭ ئونتارىيو ئۆلكىسىگە قاراشلىق خامىلتون شەھىرىگە جايلاشقان ۋىنونا قورو جايلىرىدا كېچىدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتى ئەتىگەندە كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىندى.

3 قەۋەتلىك قاتار ئۆيلەردىكى 11 ئۆي كۆيۈپ كۈلگە ئايلاندى.

ئوت شامالنىڭ تەسىرىدە يان تەرەپتىكى قورۇلارغىچە كېڭەيدى.

ساقچىلار بىلەن ئوت ئۆچۈرۈش خدىملىرى رايوندىكى بارلىق ئائىلىلەرنى تارقاقلاشتۇردى.

ئوت ئاپىتىنىڭ سەۋەبى توغرىسىدا ھېچقانداق چۈشەنچە بېرىلمىدى. ۋەقەگە قارىتا تەكشۈرۈش باشلاندى.

قورۇ جايلارنىڭ مىليونلارچە دوللارلىق زىيانغا ئۇچرىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر