كىم جوڭئۇن شىمالىي كورېيەنىڭ يادرولۇق قورالغا ئىگە بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى

شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن دۆلىتىنىڭ كۈچلۈك بېسىملار، ھەربىي تەھدىتلەر ۋە ھەيۋە قىلىشلارغا قارشى ئۆزىنى تولۇق ۋە قەتئىي قوغدىيالايدىغان بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى  بىلدۈردى.

1463264
كىم جوڭئۇن شىمالىي كورېيەنىڭ يادرولۇق قورالغا ئىگە بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيە مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقى (KCNA)  نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كىم جوڭئۇن 1950 – يىلىدىن 1953 – يىلىغىچە بولغان مەزگىللەردىكى شىمالىي كورېيە ئۇرۇشىنىڭ خاتىرە كۈنىدە ئۇرۇش پېشقەدەملىرى ئۈچۈن ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك مۇراسىمدا سۆز قىلىپ، شىمالىي كورېيەنىڭ تولىمۇ جاپادا قولغا كەلتۈرگەن يادرو قوراللىرىنىڭ مۇستەھكەم بىر بىخەتەرلىك كاپالىتى ئىكەنلىكىنى، ئىككىنچى قېتىملىق شىمالىي كورېيە ئۇرۇشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان «ئىشەنچلىك ، ئۈنۈملۈك، چېكىندۈرگۈچ» كۈچكە ئىگە قىلغانلىقىنى ئېيتقان

كىم جوڭئۇن شىمالىي كورېيەنىڭ يەنە باشقا ئۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن «مۇتلەق كۈچ» بىلەن يادرو قورالغا ئىگە دۆلەت بولۇشقا تىرىشقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ھازىر بىز ئىمپېرىيالىست قالاقلار بىلەن دۈشمەن كۈچلەرنىڭ يۇقىرى بېسىملىرى، ھەربىي تەھدىتلىرى ۋە ھەيۋە قىلىشلىرىغا قارشى ئۆزىنى تولۇق ۋە قەتئىي قوغدىيالايدىغان بىر دۆلەتكە ئايلاندۇق» دېدى.  

كىم جوڭئۇن: «بۇ زېمىندا قايتا ئۇرۇش بولمايدۇ» دېگەننى تەكىتلەپ،  ئىشەنچلىك ۋە ئۈنۈملۈك يادرو كۈچى سايىسىدا، دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە كەلگۈسىنىڭ مۇتلەق ۋە مەڭگۈلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىنغانلىقىنى تەكىتلىدى.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر