بۇ يىل نوبېل مۇكاپاتى مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلمەيدىغان بولدى

دۇنيانىڭ ئەڭ نوپۇزلۇق مۇكاپاتلىرىدىن بىرى بولغان ۋە 1956 - يىلدىن بېرى ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان نوبېل مۇكاپاتى مۇراسىمى بۇ يىل ئۆتكۈزۈلمەيدىغان بولدى.

1463250
بۇ يىل نوبېل مۇكاپاتى مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلمەيدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھەر يىلى دېكابىرنىڭ ئىككىنچى ھەپتىسىدە شىۋىتسىيەنىڭ پايتەختى ستوكھولىمدا ئۆتكۈزۈلىدىغان نوبېل مۇكاپاتى مۇراسىمىنىڭ كوۋىد-19 يۇقۇمى سەۋەبىدىن بۇ يىل ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقى ئېلان قىلىندى.

نوبېل فوندى جەمئىيىتى ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇكاپاتقا لايىق كۆرۈلگەنلەرنىڭ ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى، بىراق ئۇلارنىڭ مۇكاپاتلىرىنىڭ «يېڭى ئۇسۇلدا» تەقدىم قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ مۇكاپاتنى ئۆز دۆلىتىدە ياكى دۆلەتلىرىنىڭ ئەلچىخانىلىرىدا تاپشۇرۇۋېلىشتەك بىر قاتارلىق فورمۇلالار ئۈستىدە مۇزاكىرە قىلىۋاتقانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

مۇكاپاتلارنىڭ ئىنتېرنېت ئارقىلىق بېرىلىدىغانلىقىمۇ بىلدۈرۈلمەكتە.

نوبېل مۇكاپاتى مۇراسىمىدا ھەر يىلى 6  سەھە بويىچە مۇكاپات تارقىتىلىدۇ.

نوبېل فوندى جەمئىيىتىنىڭ مۇكاپات تارقىتىش ئىشلىرىغا مەسئۇل رەئىسى لارس خېيكېنستېن: «تارقىلىشچان كېسەللىك ئىنسانىيەت ئۈچۈن بىر چوڭ كرىزىس. ئۆز نۆۋىتىدە يەنە نوبېل فوندى جەمئىيىتى دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنىڭ تېخىمۇ موھىم ھالغا كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. شۇڭلاشقا ئىنسانلارغا ئىلىم-پەننىڭ ئەھمىيىتى ئەسكەرتىلىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر