ئامېرىكا چېڭدۇ شەھىرىدە تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىنى تاقىدى
ئامېرىكا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قارارىغا بىنائەن چېڭدۇدىكى كونسۇلخانىسىنى تاقىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان باياناتىدا، چېڭدۇ باش كونسۇلخانىسىدىكى خىزمەتلەرنى شۇ يەرنىڭ ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 10:00 دا توختاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
باياناتتا، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەىسى (CCP) نىڭ بۇ قارارىنىڭ كۆڭۈلنى غەش قىلىدىغان قارار بولغانلىقى تەكىتلەندى.
خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى (CCTV) نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شۇ يەر ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 06:18 دە كونسۇلخانىدىكى ئامېرىكا بايرىقى چۈشۈرۈلگەن. نەچچە يۈزلەرچە كىشى كونسۇلخانا ئەتراپىغا يىغىلىشقان ۋە ساقچىلار رايوندا كەڭ كۆلەملىك بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئىشقا سېلىشقان.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئامېرىكالىق دىپلوماتلار سائەت 10:00 دە كونسۇلخانىنى تاقىۋەتكەندىن كېيىن، خىتاينىڭ ئالاقىدار دائىرىلىرىنىڭ بىنانىڭ ئالدى ئىشىكىدىن ئىچىگە كىرگەنلىكى ۋە كونسۇلخانىنى ئۆتكۈزۈۋالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
خىتاينىڭ سان فىرانسىسكو، لوس ئانژېلېس، چىكاگو ۋە نيۇ يوركتا كونسۇلخانىلىرى، ۋاشىنگتوندا ئەلچىخانىسى بار.
ئامېرىكانىڭمۇ خىتايدا 4 كونسۇلخانىسى ۋە بېيجىڭدا ئەلچىخانىسى بار.
ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت، ئامېرىكانىڭ خوستوندىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنى تاقاشقا بۇيرۇق چۈشۈرۈشى بىلەن يۇقىرى پەللىگە چىققان ئىدى.