ئافغانىستاندىكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدە 6 ئاي ئىچىدە 1282 پۇقرا قازا قىلدى

ئافغانىستاندىكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرى سەۋەبىدىن يېقىنقى 6 ئاي ئىچىدە 1282 پۇقرا قازا قىلدى.

1462693
ئافغانىستاندىكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدە 6 ئاي ئىچىدە 1282 پۇقرا قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئافغانىستانغا ياردەم بېرىش ئۆمىكى (UNAMA) نىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ 340 ى بالىلار، 138 ى ئاياللار بولۇپ، جەمئىي 1282 پۇقرا قازا قىلغان ۋە بۇ مەزگىلدە يەنە، زوراۋانلىق سەۋەبىدىن 2176 پۇقرا يارىلانغان.

باياناتتا، پۇقرالارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتىنىڭ%58 ىگە ئۆكتىچى كۈچلەر، %23 ىگە بىخەتەرلىك قىسىملىرى جاۋابكار ئىكەنلىكى تەكىتلەندى، قالغانلىرىنىڭ جاۋابكارلىرى بىلدۈرۈلمىدى.

بالىلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتىنىڭ كۆپىنچىسىگە بىخەتەرلىك قىسىملىرى جاۋابكار ئىكەنلىكى ئۇقتۇرۇلغان باياناتتا، بۇ مەزگىلدە چەتئەل كۈچلىرى تەرىپىدىن پۇقرالارنىڭ ئۆلتۈرۈلگەن ياكى ئۆلتۈرۈلمىگەنلىكى تىلغا ئېلىنمىدى.

باياناتتا يەنە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئافغانىستانغا ياردەم بېرىش ئۆمىكى (UNAMA) نىڭ ژۇرنالىستلار، ئالىملار، سەھىيە خادىملىرى ۋە رەھبەرلەرگە قارىتىلغان ھۇجۇملاردىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر