تېررورچىلارنىڭ ئىدلىب ۋە ئافرىندا ئېلىپ بارغان ھۇجۇملىرى جانغا زامىن بولدى

سۈرىيەنىڭ  غەربىي شىمالىدىكى ئىدلىب ۋە تېررورچىلاردىن تازىلانغان ئافرىندا بىرلا ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلغان بومبا ھۇجۇملىرىدا ئىككى كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

1462223
تېررورچىلارنىڭ ئىدلىب ۋە ئافرىندا ئېلىپ بارغان ھۇجۇملىرى جانغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسى بىلەن ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى «‹زەيتۇن شېخى› ھەربىي ھەرىكىتى» ئارقىلىق تېررورچىلاردىن تازىلىغان ئافرىن رايونى بىلەن ئىلمىي ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللۇقىدىكى ئىدلىبتا بىرلا ۋاقىتتا ئىككى بومبا پارتلىتىلدى.

ھۇجۇملاردا ئافرىندا بىر، ئىدلىبتا بىر كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، بالىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 16 كىشى يارىلاندى.

«<تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى» ئارقىلىق تېررورچىلاردىن تازىلانغان رەسۇلەيندىمۇ تۈنۈگۈن ئەتىگەن تەرەپلەردە بىر بازار نىشان قىلىنغان بومبا ھۇجۇمىدا 8 كىشى قازا قىلغان، 20 كىشى يارىلانغانىدى.

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ/ پ ك ك تېررورچىلىرى، تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا 2019 – يىلى 22 – ئۆكتەبىر كۈنى تۈزۈلگەن كېلىشىمگە ئاساسەن چىقىپ كېتىشى شەرت بولغان تەل رىفئەت ناھىيەسىدىن، پات – پات باب ئەزىز، جەرابلۇس ۋە ئافرىن رايونلىرىغا تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى ئېلىپ بارماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر