ئىسرائىلىيە خەلقى باش مىنىستىر نېتانىياھۇغا قارشى نامايىشلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا

ئىسرائىلىيەدە چىرىكلىك دېلوسى ۋە كوۋىد-19 يۇقۇمىغا قارشى كۈرەشتىكى مەغلۇبىيىتى سەۋەبىدىن باش مىنىستىر بىنيامىن نېتانىياھۇنىڭ ئىستىپا بېرىشىنى تەلەپ قىلغان مىڭلارچە كىشى نامايىش ئۆتكۈزدى.

1461947
ئىسرائىلىيە خەلقى باش مىنىستىر نېتانىياھۇغا قارشى نامايىشلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كوۋىد -19 يۇقۇمىنىڭ ئىككىنچى دولقۇنىغا دۇچار بولغان ۋە ئىشسىزلىق نىسبىتى%20 تىن ئېشىپ كەتكەن ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەخت تېل ئاۋىۋ ۋە غەربىي قۇددۇس قاتارلىق ئوخشىمىغان شەھەرلىرىدە نامايىشچىلار نېتانياھۇنىڭ ئىستىپا بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ، كوچىلارغا ئاقتى.

«قارا بايراقلىقلار ھەرىكىتى» دەپ بىلىنىدىغان گۇرۇپپىنىڭ چاقىرىقىغا بىنائەن، غەربىي قۇددۇستىكى باش مىنىستىرلىق تۇرالغۇسى ئەتراپىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا، «بىبى (نېتانياھۇ) ئۆيىڭگە قايت!» دەپ شوئارلار توۋلاندى.

نامايىشچىلار قارا ۋە قىزىل رەڭلىك بايراقلارنى كۆتۈردى. بەزىلىرى ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرىنى ئىما قىلغان ھالدا، «جىنايەتلەر باش مىنىستىرى» دەپ يېزىلغان مايكىلارنى كىيىشىۋالغان ئىدى.

نىتانىياھۇنىڭ ئاز ساندا قوللىغۇچىلىرىمۇ باش مىنىستىرلىق تۇرالغۇسى ئالدىغا يىغىلىپ، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرىنى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزدى.

ساقچىلار تۇقۇنۇش چىقىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئىككى گۇرۇپپا ئوتتۇرىسىغا توساق قۇردى.

بىر نامايىشچى پەلەستىن بايرىقىنى كۆتۈرگەنلىكى ئۈچۈن ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى تەرىپىدىن نازارەتكە ئېلىندى.

ساقچىلار پەيشەنبە كۈنىمۇ غەربىي قۇددۇستا قارا بايراقلار ھەرىكىتى تەشكىللىگەن نامايىشقا قاتتىق مۇداخىلە قىلىپ، 5 نامايىشچىنى نازارەتكە ئالغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر