مىسىر ئارمىيەسى ساختا رەسىم ھەمبەھىرلەپ شەرمەندە بولدى

مىسىر ئارمىيەسىنىڭ فىرانسىيە بىلەن بىرلەشمە دېڭىز مانېۋىرى ئۆتكۈزگەنلىكىگە دائىر ساختا رەسىم ھەمبەھىرلىگەنلىكى ئاشكارىلاندى.

1461922
مىسىر ئارمىيەسى ساختا رەسىم ھەمبەھىرلەپ شەرمەندە بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىر ئارمىيەسى باياناتچىسى گېنېرال تامىر ئەر رىفائىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا ئېلان قىلىنغان باياناتىدا، ئاق دېڭىزدا مىسىر ۋە فىرانسىيە ئۇرۇش پاراخوتلىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزۈلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.

رەسمىي بايانات بىلەن مانېۋىرغا دائىر ھەمبەھىرلەنگەن رەسىمدە، فىرانسىيە قوغدىغۇچى پاراختى «Aconit F713» نىڭ يېنىغا مىسىر بايرىقى ئېسىلغان قوغدىغۇچى پاراخوتنىڭ رەسىمى، رەسىم ئۆزگەرتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق قوشۇلغانلىقى ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

ھەمبەھىرلەنگەن رەسىمنىڭ ئەسلىدىكى ھالىنىڭ بولسا، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ رەسمىي تورىدا 2013 - يىلى 19 - سېنتەبىردە ئېلان قىلىنغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى.

ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ رەسمىي تورىدا رەىسىمگە دائىر تەپسىلىي مەلۇماتلارمۇ بېرىلگەن بولۇپ، ئىزاھاتتا، ئامېرىكا-فىرانسىيە ئىككى تەرەپ بىرلەشمە مانېۋىرى «Passex» جەريانىدا ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى ئاممىۋى ئاخبارات مۇتەخەسسىسى دارىئېن گ. كېننىي تەرىپىدىن تارتىلغانلىقى ۋە «MH-60R» دېڭىز بۈركۈتى تىپلىق بىر ئامېرىكا تىك ئۇچار ئايروپىلانىنىڭ فىرانسىيە قوغدىغۇچى پاراخوتى «Aconit F713» پالۇبىغا قۇنۇۋاتقان پەيتىنى كۆرسىتىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن ئىدى.

مەزكۇر رەسىمدە ئەسىلىدە مىسىرنىڭ قوغدىغۇچى پاراخوتىنىڭ يوقلىقى ئاشكارىلاندى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر