«IHH» سۈرىيەنىڭ ئافرىن شەھىرىگە 1500 كىشىلىك سېغىمچانلىققا ئىگە جامە سېلىپ بېرىدۇ
ئىنسان ھەقلىرى ۋە ھۆررىيەتلىرى، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم فوندى جەمئىيىتى (IHH) سۈرىيەنىڭ ئافرىن شەھىرىدە 1500 كىشىلىك سېغىمچانلىققا ئىگە «ئافرىن زاكىرىن ئۇلۇ جامەسى» گە ئۇل سالدى.
1461878
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىنسان ھەقلىرى ۋە ھۆررىيەتلىرى، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم فوندى جەمئىيىتى (IHH) نىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، فوندى جەمئىيەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەرخان يەمەلەك ئۇل سېلىش مۇراسىمىدا جامەنىڭ قۇرۇلىشىنى بىر يىل ئىچىدە تاماملاپ ئىبادەتكە ئېچىشنى پىلانلىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەرخان يەمەلەك ئافرىن شەھەر مەركىزىدە جامەلەرنىڭ ئىنتايىن ئاز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «بولۇپمۇ يېقىنقى ئىككى يىلدىن بېرى ئافرىندا بەرپا قىلىنغان تىنچلىقتا تۈركىيە دۆلىتى ۋە ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرىنىڭ شۇنداقلا تۈركىيە خەلقىنىڭ زور تىرىشچانلىقى بار. بىز بۈگۈن ئۇلىنى سالغان ئافرىن زاكىر ئۇلۇ جامەسىمۇ فوندى جەمئىيىتىمىزنىڭ بىر لايىھەسى سۈپىتىدە بارلىققا كەلدى» دېدى.