ئىران: دۈشمەنلىكنى جاۋابسىز قويمايمىز

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئابباس مۇسەۋى، سۈرىيە ھاۋا تەۋەلىكىدە دەخلى قىلىشقا ئۇچرىغان ئىران يولۇچىلار ئايروپىلانى مەسىلىسى توغرىسىدا توختىلىپ، «ئىران ھېچبىر دۈشمەنچە ھەرىكەتنى جاۋابسىز قويمايدۇ» دېدى.

1461657
ئىران: دۈشمەنلىكنى جاۋابسىز قويمايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئابباس مۇسەۋىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان باياناتىدا، ئامېرىكا ئارمىيەسى مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابىنى ئەيىبلەپ، ئىران يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ دەخلى قىلىشقا ئۇچرىشىغا خەلقئارا قانۇننىڭ دەپسەندە قىلىنىشى، شۇنداقلا رايوننىڭ تىنچلىق ۋە مۇقىملىقىغا زىيان يەتكۈزگەن بىر ھەرىكەت دەپ باھا بەردى.

«ئىران ھېچبىر دۈشمەنچە ھەرىكەتنى جاۋابسىز قويمايدۇ. پەيتى كەلگەندە بۇ مەنتىقىسىز ھەرىكەتكە تېگىشلىك مۇۋاپىق جاۋاب چوقۇم بېرىلىدۇ» دېدى.

ئامېرىكا ئارمىيەسى مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ «ئامېرىكا F-15 ى ماھان ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ بىر يولۇچىلار ئايروپىلانىنى بىخەتەر يىراقلىق بولغان مىڭ مېتىر ئارىلىقتىن ئۆلچەملىك شەكىلدە تەكشۈرۈدى» دېگەن باياناتىغا «كۈلكىلىك» دەپ باھا بەرگەن مۇسەۋى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «ئامېرىكانىڭ سۈرىيەدىكى ھەربىي مەۋجۇدىيىتى ۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ۋەزىپە ئادا قىلىشى قانۇنسىزدۇر. بۇنىڭدىنمۇ مۇھىمى ھېچكىم ئامېرىكاغا يولۇچىلار ئايروپىلانىنى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى ئىشلىتىپ تەكشۈرۈش رۇخسىتى بەرمىدى. بۇنداق قىلىش قانۇنلارغا خىلاپتۇر ۋە خەتەرلىكتۇر. بۇنداق قىلىش بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ ھاياتى بىلەن ئوينىشىشتۇر. ئىلگىرى سۈرۈلگىنىنىڭ ئەكسىچە، بىخەتەر مۇساپە بەلگىلىمىسىگە رىئايە قىلىنمىدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئىران ئالدىنقى كۈنى كېچە تېھران – بېيرۇت ئارىسىدا قاتناۋاتقان ماھان ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ بىر يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ سۈرىيە ھاۋا تەۋەلىكىدە ئامېرىكانىڭ ئىككى ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ دەخلى قىلىشىغا ئۇچرىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان، ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ يولۇچىلار ئايروپىلانىغا خەتەرلىك شەكىلدە يېقىنلىشىشىدىن كېيىن ئۇچقۇچىنىڭ تۇيۇقسىز بۇرۇلۇشقا مەجبۇر بولۇپ قالغانلىقى ۋە بۇ جەرياندا بەزى يولۇچىلارنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر