ھىندىستاندىكى سۇ ئاپىتىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى كۆپەيمەكتە

ھىندىستاننىڭ ئاسسام ئۆلكىسىدە قارا يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان سۇ ۋە يەر كۆچۈش ئاپەتلىرىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 119 غا يەتتى.

1461138
ھىندىستاندىكى سۇ ئاپىتىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى كۆپەيمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «‹Press Trust of India› ئاگېنتلىقى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاسسام ئۆلكىلىك جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مەركىزى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، 119 كىشى قازا قىلغان.

ئۆلكىدىكى سۇ ئاپىتىدە ھازىرغىچە تەخمىنەن 2.8 مىليون كىشىنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىغانلىقى، 2 مىڭ 500 دىن ئارتۇق ئۆي - ماكاننىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقى، ئاپەت رايونلىرىدىن تارقاقلاشتۇرۇلغانلار ئۈچۈن 280 دىن ئارتۇق ياردەم لاگېرلىرىنىڭ قۇرۇلغانلىقى، سۇ ئاپىتى سەۋەبىدىن ئاسسام مىقياسىدا 120 مىڭ گېكتارلىق دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ ۋەيران بولغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، پۈتكۈل ئۆلكىگە تەسىر كۆرسەتكەن قارا يامغۇر ۋە يەر كۆچۈش ئاپەتلىرىدە، يوللار، كۆۋرۈكلەر، سۇ يوللىرى ۋە باشقا ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرى زىيانغا ئۇچرىغان بولۇپ، تالاپەتكە ئۇچرىغان رايونلاردا ئىزدەش – قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا ئىكەن.

چاي ئىشلەپچىقىرىش بىلەن داڭ چىقارغان ئاسسام ئۆلكىسى، ھەر يىلى يېغىن مەۋسۇمىدا چاي تېرىش ساھەلىرى سۇ ئاستىدا قالىدىكەن.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت ئورگىنى (UNESCO) نىڭ دۇنيا مىراسلىرى تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالغان، ھىندىستاندىكى ھىندى كەركىندانلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ ئۆيى ھېسابلىنىدىغان، ئۆلكىدىكى 430 كىۋاردات كىلومېتىرلىق ساھەگە ئىگە كازىرانگا مىللىي باغچىسىنىڭ % 85 تىنىڭمۇ سۇ ئاستىدا قالغانلىقى، باغچىدا 11 كەركىداننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 113 ھايۋاننىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر