ئافغانىستان ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ 8 پۇقرانىڭ جېنىغا زامىن بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

ئافغانىستاننىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان ھېرات ۋىلايىتىدە ئافغانىستان ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ بىر قېتىملىق ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە 8 پۇقرانىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

1460480
ئافغانىستان ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ 8 پۇقرانىڭ جېنىغا زامىن بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستاننىڭ ھېرات ۋىلايىتىنىڭ ئادراسكان ناھىيەسى ئاھالىسىدىن مۇھەممەد ئەمىن بايانات بېرىپ، ئافغانىستان ھاۋا ئارمىيەسى ئايروپىلانىنىڭ ئادراسكاننىڭ خۇم زىيارەت رايونىدىكى بىر توي مەرىكىسى زالىنى بومباردىمان قىلغانلىقىنى، ۋەقەدە 8 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى، 12 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھېرات ۋالىيلىق مەھكىمىسى باياناتچىسى جەيلانى فەرھاد بولسا، ھۇجۇمنىڭ تالىبان رەھبەرلىرى يىغىن ئېچىۋاتقان ئەسنادا ئىشقا ئاشۇرۇلغانلىقىنى، ۋەقەدە كۆپ ساندا تالىبان ئەزاسىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، ۋەقەدە پۇقرالارنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىغانلىقى توغرىسىدا قوللىرىدا مەلۇمات يوقلۇقىنى قەيت قىلدى.

ئافغانىستان مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ۋەقەنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر