مېكسىكادا 6 ئايدا يۈزلەرچە ئايال جىنايەتنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتتى

مېكسىكادا بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى 6 ئېيى ئىچىدە 489 ئايال جىنايەتنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتتى.

1460112
مېكسىكادا 6 ئايدا يۈزلەرچە ئايال جىنايەتنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مېكسىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مېكسىكا جامائەت خەۋىپسىزلىكى مىنىستىرلىقى كاتىبات باشقارمىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان دوكلاتقا قارىغاندا، بۇ يىل يانۋاردىن ئىيۇنغىچە بولغان مەزگىلدە، ئاياللار نىشان قىلىنغان ھۇجۇملاردا جەمئىي 489 ئايال جىنايەتنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتكەن.

ئاياللار نىشان قىلىنغان زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى يېقىنقى ئايلاردىن بۇيان كۆپىيىپ كەتكەنلىكتىن، ئوخشىمىغان ئاممىۋى تەشكىلاتلار پايتەخت مېكسىكادىكى مىللىي ساراينىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزگەن.

ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىلەن ئوقۇغۇچىلار،  «ئەگەر  بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش چارىسى بولمىسا، ئۆز كۈچىمىزگە تايىنىپ ئىش كۆرۈشنى داۋاملاشتۇرىمىز»، «نېمىدېگەن ئاز ئادالەت» دېگەن خەتلەر يېزىلغان ۋىۋىسكىلارنى كۆتۈرگەن ھالدا ئاياللار نىشان قىلىنىۋاتقان جىنايەتلەرگە نارازىلىق بىلدۈرگەن.

ئىگىلىنىشىچە، مېكسىكا لاتىن ئامېرىكا بويىچە ئاياللار نىشان قىلىنىۋاتقان جىنايەتلەر ئەڭ كۆپ دۆلەت ھېسابلىنىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر