لىۋىيەدە ئاممىۋى مازارلاردىن نۇرغۇن جەسەتلەر چىقىرىلدى

لىۋىيە ئارمىيەسى 5 – ئىيۇن كۈنى خەلق ئەسكەرلىرىدىن ئازاد قىلغان تەرھۇنە شەھىرىدىكى ئاممىزى مازارلاردىن يەنە 7 جەسەت چىقىرىلدى.

1460105
لىۋىيەدە ئاممىۋى مازارلاردىن نۇرغۇن جەسەتلەر چىقىرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:لىۋىيە ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق يوقاپ كەتكەنلەرنى ئىزدەش ۋە ئېنىقلاپ چىقىش ئورگىنىنىڭ باشلىقى كامال ئەسسەيەۋى، تەرھۇنەدە ئىشقا ئاشۇرۇلۇۋاتقان ئاممىۋى مازارلارنى قېزىپ تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرى داۋامىدا يەنە 7 جەسەتنىڭ چىقىرىلغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆلۈم سەۋەبلىرىنى ئېنىقلاپ چىقىش ئۈچۈن جەسەتلەرنىڭ قانۇن دوختۇرخانىسىغا ئەۋەتىلگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

دۆلەتنىڭ شەرقىدىكى قانۇنسىز كۈچلەرنىڭ رەھبىرى خەلىفە ھەفتەر كۈچلىرىنىڭ پايتەخت ترابلۇسقا قارىتا ئۇدا 14 ئاي داۋاملاشقان ھۇجۇملىرىدا ھەربىي ھەرىكەت ۋە تەمىنلەش مەركىزى سۈپىتىدە ئىشلەتكەن تەرھۇنەنىڭ ئازاد قىلىنىشىدىن كېيىن، لىۋىيە دائىرىلىرى، بۇ شەھەردە ۋە ئەتراپىدا 11 ئاممىۋى مازارنىڭ تېپىلغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى 22 – ئىيۇن كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدىمۇ، تەرھۇنە ۋە ئەتراپىدا 11 ئاممىۋى مازارنىڭ تېپىلغانلىقى توغرۇلۇق ئىشەنچىلىك مەلۇماتقا ئېرىشكەنلىكلىرىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر