كانادادا يۈزىنى يۆگەيدىغان مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ ماسكا تاقىمىسىمۇ بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى

كانادانىڭ كۇئېبېك ۋە ئونتارىئو ئۆلكىلىرىدە يۈزلىرىنى يۆگەيدىغان مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ ماسكا تاقىشىغا ھاجەت يوقلۇقى بىلدۈرۈلدى.

1460416
كانادادا يۈزىنى يۆگەيدىغان مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ ماسكا تاقىمىسىمۇ بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كانادانىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) نى تىزگىنلەش خىزمەتلىرى دائىرىسىدە ئۈستى يېپىق جايلاردا مەجبۇرىي ماسكا تاقاش تۈزۈمىنى يولغا قويغان كۇئېبېك ۋە ئونتارىئو ئۆلكىلىرىدە، يۈزلىرىنى يۆگەيدىغان مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ ماسكا تاقىشىغا ھاجەت يوقلۇقى بىلدۈرۈلدى.

كانادانىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى مېدىيا ئورگىنى - CBC، ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ مىڭلارچە كىشىنىڭ مەجبۇرىي ماسكا تاقاش تۈزۈمى توغرىسىدىكى ئېلخەت ئارقىلىق سورىغان سوئاللىرىغا قايتۇرغان جاۋابلىرىنى چۆرىدىگەن ھالدا بىر خەۋەر تەييارلاپ تارقاتتى.

CBC نىڭ، خەلقكە ۋاكالىتەن سورىغان «دىنىي سەۋەبلەر تۈپەيلى يۈزىنى ئورىغانلارنىڭ ماسكا تاقاش مەجبۇرىيىتىنىڭ بار – يوقلۇقى» توغرىسىدىكى سوئالىغا جاۋاب بەرگەن كۇئېبېك سەھىيە ۋە ئىجتىمائىي خىزمەتلەر مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارجورىې لاروچې، «دىنىي كۆرسەتمىگە ئاساسەن بۇرۇنى ۋە ئېغىزىنى رەختتىن تىكىلگەن بىر يۇپۇق بىلەن يۆگىگەن كىشىنىڭ ماسكا ياكى يۈز قوغداش ئەينىكى تاقىشىغا كېرەك يوق» دېدى.

ئۇ، چايشاپنىڭ بۇرۇن ۋە ئېغىزنى يۆگىگەن تەقدىردە ماسكا دەپ قوبۇل قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بىراق، يۇقىرىقىدەك قوغداش رولىنى ئوينىمايدىغان ياغلىق ماسكا دەپ قوبۇل قىلىنمايدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

كۇئېبېكتا چايشاپ، بۇرقە قاتارلىق ھەر تۈرلۈك دىنىي سىمۋوللارنىڭ ئىشلىتىلىشى مەنئىي قىلىنغانىدى.

كۇئېبېك ئۆلكىسىدە 2019 – يىلىنىڭ ئىيۇن ئېيىدا چىقىرىلغان قانۇنغا ئاساسەن، ئاممىۋى ئورۇنلاردا چايشاپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر تۈرلۈك دىنىي سىمۋوللارنىڭ تاقىلىشى ياكى ئىشلىتىلىشى چەكلەنگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر