بوكو ھارام 5 ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم خادىمىنى ئۆلتۈردى
غەربىي ئافرىقا دۆلىتى نىگېرىيەدە تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارام گۆرۈگە ئېلىۋالغان 5 نەپەر ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم خادىمىنى ئۆلتۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بوكو ھارام ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ھەمبەھىرلەشكەن 35 سېكۇنتلۇق ۋىدېئودا، ئالدىنقى ئاي تەشكىلات تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغان 5 نەپەر ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم خادىمىنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈۋېتىلگەنلىكى كۆرۈلىدۇ.
بۇ ۋىدېئو توغرۇلۇق، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسانپەرۋەرلىك ماسلاشتۇرۇش ئىشخانىسى تەرىپىدىن تېخىچە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلىنمىدى.
تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارام، 2019 – يىلى دېكابىر ئېيىدىمۇ 4 نەپەر ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم خادىمىنى ئۆلتۈرۈۋەتكەنىدى.
نىگېرىيەدە 2000 – يىللاردىن بۇيان پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارامنىڭ 2009 – يىلدىن بۇيانقى ئاممىۋى زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىدە 20 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ئۆلدى.
تەشكىلات، 2015 – يىلدىن بۇيان دۆلەتنىڭ چېگرا قوشنىلىرى كامېرۇن، چاد ۋە نىگېردىمۇ ھۇجۇملارنى ئېلىپ باردى. تەشكىلاتنىڭ چاد كۆلى ۋادىسىدا ئېلىپ بارغان ھۇجۇملىرىدا كەم دېگەندە 2 مىڭ كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.