ب د ت: يەمەندە ئىشەنچىسىز يېمەك - ئىچمەك كىرىزىسىگە دۇچ كېلىۋاتقانلارنىڭ سانى ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يەمەننىڭ جەنۇبىدا ئىشەنچىسىز يېمەك - ئىچمەك كىرىزىسىگە دۇچ كېلىۋاتقانلار سانىنىڭ2 مىليوندىن 3.2 مىليونغا ئۆرلەش جەۋپىنىڭ بارلىقى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇشتا بولدى.

1460116
ب د ت: يەمەندە ئىشەنچىسىز يېمەك - ئىچمەك كىرىزىسىگە دۇچ كېلىۋاتقانلارنىڭ سانى ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا قاراشلىق دۇنيا يېمەك - ئىچمەك پىروگراممىسى، بالىلار ياردەم فوندى، يېمەك - ئىچمەك ۋە يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتىنىڭ باياناتلىرىدا، يەمەننىڭ جەنۇبىدىكى 133 ناھىيە ئاھالىسى ئىچىدىكى ئىشەنچىسىز يېمەك - ئىچمەك كىرىزىسىگە دۇچ كېلىۋاتقانلار سانىنىڭ قورقۇنچلۇق شەكىلدە ئېشىۋاتقانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «يەمەننىڭ جەنۇبىدا ئىشەنچىسىز يېمەك - ئىچمەك كىرىزىسىگە دۇچ كېلىۋاتقانلار سانىنىڭ 2 مىليوندىن 3.2 مىليونغا ئۆرلەش جەۋپىنىڭ بارلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.»

ئۇزۇندىن بۇيان سىياسىي مۇقىمسىزلىق ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان يەمەندە، ئىران قوللاۋاتقان ھۇسىيلار، 2014 – يىلى سېنتەبىردىن بۇيان، پايتەخت سانا ۋە بىر قىسىم رايونلارنى كونترول ئاستىدا تۇتماقتا.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قارىشىچە، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئىنسانىي كىرىزىسلەردىن بىرىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان يەمەندە، نوپۇسنىڭ % 80 تى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ۋە قوغدىنىشقا مۇھتاج ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر