ئامېرىكادا قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ چىكاگو شەھىرىدە قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، توققۇزىنىڭ يارىلىنىش ئەھۋالى ئېغىر بولۇپ جەمئىي 14 ئادەم يارىلاندى.

1459804
ئامېرىكادا قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رودېس ئىسىملىك بىر مۇسىبەت ئائىلىسىگە يېقىن جايدا تۈنۈگۈن كەچتە مەيدانغا كەلگەن قوراللىق ھۇجۇمدا يارىلانغانلارنىڭ مۇسىبەت ئۆيىدىكى مۇراسىمغا قاتناشقانلار ئىكەنلىكى، ئۇلاردىن توققۇزىنىڭ يارىلىنىش ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ھۇجۇم دائىرىسىدە بىر كىشىنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

نەق مەيداندىكى ئەھۋاللارنى كۆرگۈچىلەرنىڭ قاراشلىرىغا ئورۇن بېرىلگەن خەۋەرلەردە، بىردىن كۆپ قورال ئىشلىتىلگەن ۋەقە كىچىك بىر ئۇرۇشقا ئوخشىتىلغان بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەن كوچىدا نۇرغۇن مىشەكلەرنىڭ بارلىقىغا دائىر ئۇچۇرلارغا ئورۇن بېرىلدى.

چىكاگودا ئىيۇن ئېيىنىڭ بىر ھەپتە ئاخىرىدىمۇ قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، كەم دېگەندە 14 ئادەم جېنىدىن ئايرىلغان، 90 ئادەم يارىلانغانىدى.

ئىللىئونىس ئىشتاتىغا قاراشلىق چىكاگو شەھىرى، زوراۋانلىق ۋەقەلىرى ئەڭ كۆپ يۈز بېرىدىغان شەھەرلەرنىڭ بىرى بولۇش يولىدا تېز سۈرئەتتە ئىلگىرىلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر