ئامېرىكا خىتاينىڭ خوستوندىكى كونسۇلخانىسىنى تاقىۋېتىشى ئۈچۈن ئۈچ كۈن مۆھلەت بەردى
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، خىتاينىڭ خوستون شەھىرىدىكى كونسۇلخانىسىنىڭ بوشىتىلىشىنى تەلەپ قىلدى.
1459719
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بېيجىڭ ئامېرىكانىڭ مەزكۇر قارارىغا «ئىغۋاگەرچىلىك» دەپ باھا بېرىپ نارازىلىق بىلدۈردى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات بېرىپ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ خوستون شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ تاقىۋېتىلىشى ئۈچۈن 3 كۈن مۆھلەت بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
باياناتتا، «خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىر تەرەپلىمە ھالدا تاقىۋېتىلىشى، خىتايغا قارشى ھەرىكەتلەرنىڭ مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە يۈكسىلىشىدۇر» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.