ئىراقتا دائېشنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرى مەسئۇلى قولغا چۈشتى

ئىراقتا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ ئاتالمىش ئاخبارات ۋاسىتىلىرى مەسئۇلى كەركۈك شەھەر مەركىزىدە قولغا چۈشتى.

1458962
ئىراقتا دائېشنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرى مەسئۇلى قولغا چۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق ئىچكى ئىشلار ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، ئىراق فېدېراتسىيە ساقچىلىرى، شەھەر مەركىزىدىن كەلگەن ئۇچۇرغا ئاساسەن، دائېشنىڭ ئاتالمىش ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئۆيىگە بېسىپ كىرىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە پارتلاتقۇچ بۇيۇملىرىنى قولغا چۈشۈرگەن.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، ئىسمى ئاشكارىلانمىغان دائېشچى ئىلگىرى دۆلەتنىڭ كۆپلىگەن شەھەرلىرىدە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى نىشان قىلىنغان ھۇجۇملارنى ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئۇ قولغا چۈشكەندىن كېيىن سوت مەھكىمىسىگە يوللانغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر